بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 3 مەسىلە تېزدىن تۈزىتىلدى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 3 مەسىلە تېزدىن تۈزىتىلدى

    مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 3 مەسىلىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى، مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پائال تۈزەتتى. مەن 8- ئاينىڭ 20- كۈنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جاينى زىيارەت قىلدىم.

    بەينياۋخۇ كۆلى ئەتراپىدا قۇشلار توپ- توپ بولۇپ ئۇچۇۋاتاتتى، بىر سېرىق رەڭلىك قولۋاق كۆل بويىدا توختىتىپ قويۇلغانىدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شيې يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئىشچىلار بۇ قولۋاققا ئولتۇرۇپ كۆلدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ. بىز 8- ئاينىڭ 19- كۈنى بەينياۋخۇ كۆلى بويىدىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇبىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ئىتىۋەتتۇق ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنى تەكشۈردۇق، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

    يېڭىدىن قۇرۇلغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئاكتىپ بۇلغانما پاتقىقى ياخشى يېتىلدۈرۈلمەي، بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن بەينياۋخۇ كۆلىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى كېلىپ چىققان، نەتىجىدە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى نېيترال سۇ سۈيى ئانچە كۆپ بولمىغان بەينياۋخۇ كۆلىگە بىۋاسىتە قۇيۇپ بېرىلىپ، كۆل سۈيىنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىپ، مۇھىتنى بۇلغىغان.

    شيې يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز يېشىل يۇسۇنلار ۋە لەيلىگۈچى جانلىقلارنى سۈزۈپ، دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى يېڭىلىدۇق. يەنى، نېيترال سۇ قويۇپ بېرىشنى توختىتىش ئۇسۇلىنى چىقىرىلغان نېيترال سۇنى باشقا جايغا توشۇپ تۈگىتىشكە ئۆزگەرتتۇق، بۇ تەدبىر ئۇدا 6 كۈن داۋاملاشتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 250 كۇب مېتىر سۇ باشقا ئورۇنغا توشۇلدى. كەلگۈسىدە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇبىسىنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بۇلغىما چىقىرىش ئاساسىي تور لىنىيەسىگە كىرگۈزىمىز ھەم بەينياۋخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، بۇلغىما چىقىرىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىمىز.

    مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى كازىۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ شېڭچاڭ يېرىنىڭ بالدۇرراق سېتىۋېلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قىشتا ھەممىمىز مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق، بۇنىڭ خەتىرىمۇ، مۇھىتنى بۇلغىشىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۆينىمۇ ئىس قاپلاپ كېتەتتى. بۇلتۇر كەنت ئەتراپىغا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭغا ھەممىمىز بەك ھەۋەس قىلدۇق. پات ئارىدا ئۆيىمىزمۇ سېتىۋېلىنىدىغان بولدى، ھازىر ئىمزا قويۇشنىلا ساقلاۋاتىمىز.

    كازىۋەن كەنتى پار تۇرۇبا تورى بىلەن قاپلانمىغان، قىشتا ئىسسىنىشتا بىردەك كىچىك پار قازانغا كۆمۈر قالىناتتى. كازىۋەن كەنتىدىكى پار قازانلارنىڭ ھاۋانى بۇلغاش مەسىلىسىنى بۇ كەنتتىكى دېھقانلار ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەرگە ئورنىتىلغان 500 كىچىك پار قازان كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى ئالدىنقى مەزگىلدە كازىۋەن كەنتىدە كۆمۈر قالايدىغان ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ كەنتنىڭ يەرلىرىنى تولۇق سېتىۋېلىش تۈرىگە كىرگۈزدى.

    مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما ليەنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز يەرلەرنى سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، ئەسلىدە 2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە كازىۋەن كەنتىدىكى يەرلەرنى تولۇق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىغانىدۇق، ھازىر سۈرئەتنى تېزلىتىپ، بۇ يىل پار بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تولۇق تاماملاپ، كۆمۈر قالايدىغان پارقازانلارنى چېقىش خىزمىتىنى بىر يولدىلا تۈگىتىشنى پىلانلىدۇق.

   بۇلاقتاغ رايونىغا جايلاشقان ئەسلىدىكى سەككىز تۈتۈن سۇ ئامبىرىغا بارسىڭىزلا سېسىق پۇراق دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. خىزمەتچىلەر نەق مەيداندا دورا چېچىپ پاشا ئۆلتۈرۈۋاتاتتى ھەم كۆلدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى.

    ئەسلىدىكى سەككىز تۈتۈن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، پەقەت 2 كۆلچەكلا قالغانىدى. كەنت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئاھالىلەر كومىتېتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى جايىدا بولمىغاچقا، تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇ قالايمىقان تۆكۈلۈپ، كۆلچەكتىكى سۇ سېسىپ كەتكەن.

    بۇلاقتاغ رايونى مەسىلىنى بېجىرىشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ھۆددىگەر كارخانىلارنى بۇلغىمىنى تۈزەشكە بۇيرۇغان. بۇلاقتاغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ لېي مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار، بىز ئالدى بىلەن تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلىپ، بۇلغىما تۈزەيدىغان كەسپىي شىركەتنى تەكلىپ قىلدۇق. بۇلاقتاغ رايونى ھازىر تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، سۇ يۈزىدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئەخلەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلاپ، ھەر كۈنى پاشا يوقىتىپ، سېسىق پۇراقنى تۈگىتىۋاتىدۇ.

    فېڭ لېي مۇنداق دېدى: سۇنى چىقىرىۋېتىپ لاتقىنى تازىلىغاندىن كېيىن، سۇ چىقىش نۇقتىسىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈردۇق ھەم سۇ چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆكەرتىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى