بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كۆرگىلى بولىدىغان ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش − ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمەت باسقۇچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن

كۆرگىلى بولىدىغان ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش

− ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمەت باسقۇچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى ھېسابلىنىدۇ. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭغا رەسمىي ئورۇنلىشىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك، ئاكتىپ پوزىتسىيە، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلىك قىلدى.

    يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈش

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلاردىن «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە كەم- كوتسىز ماسلىشىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى «مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ياخشى ماسلىشىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ۋە 14- كۈنى ئۇدا 2 كۈن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ياخشى ماسلىشىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى. شۇجى چېن چۈەنگو 8- ئاينىڭ 18- كۈنى بەينياۋخۇ كۆلىگە پاسكىنا سۇ قۇيۇپ بېرىش، كازىۋەن كەنتىدىكى شەخسلەر ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەردىكى كىچىك پار قازانلارنىڭ ھاۋانى بۇلغىشى، سەككىز تۈتۈن سۇ ئامبىرىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 3 مەسىلە توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى ھەم مەسىلىنى تۈزىتىشكە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى دائىرە بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايون 8- ئاينىڭ 20- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئىلگىرى سۈردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە يۇقىرى پەللىدە ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق، ياخشى ماسلىشىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

     بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش

    8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 13تە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 1- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 10 تۈركۈمدە جەمئىي 545 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 457 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 82 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 6 پارچە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىنى قاپلايدۇ.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

    ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت «1- قول رەھبەر»لىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «6 بىرىنچى» (بىرىنچى ۋاقىتتا تاپشۇرۇش، بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈش، بىرىنچى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىش، بىرىنچى ۋاقىتتا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئاشكارىلاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش)نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «4 بىر تۇتاش»(بىر تۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بىر تۇتاش تىزىملاش، بىر تۇتاش ئومۇملاشتۇرۇش، بىر تۇتاش يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش)نى يولغا قويۇپ، «مەسىلىنى كىم سادىر قىلسا شۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، كىم قىلىدىغاننى قىلمىسا شۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، كىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا شۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، «4 مەخسۇس» (خىزمەت ئىش تەقسىماتىغا مەخسۇس مەسئۇل بولۇش، ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشتا مەخسۇس ئادەم بولۇش، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشتا مەخسۇس گۇرۇپپا بولۇش، جامائەت پىكرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىش)نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان ئىشلار، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر- تەكلىپلەرگە زىچ ماسلىشىپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەپ، ۋەزىپە- تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەممە ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، نېمە مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، نېمە مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 11 مەسىلە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ 9ى بېجىرىلدى، 2سى بېجىرىلىۋاتىدۇ.

    مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش

    مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى، تاغلىرى يېشىل بولۇش − گۈزەللىك، ئاسمىنى كۆك بولۇش − بەخت دېمەكتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەر ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، چاڭ- توزان، بۇس قاتارلىق بۇلغىنىش تۈرلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەممىسى ئاممىنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، ساپ ھاۋا ۋە جىمجىت مۇھىتقا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ.

    كىشىنى پاراكەندە قىلىدىغان شاۋقۇن بېسىقتۇرۇلدى، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان سېسىق پۇراق يوقىتىلدى، يوللارنى توسۇۋالغان ئەخلەتلەر تازىلاندى… مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇزاق مەزگىل دەخلى قىلغان سۇ، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، ئەخلەت، شاۋقۇن، بۇستىن بۇلغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر تېزدىن ھەل قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

    بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇرچىن بازىرىدىكى تيەن فېڭبېي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەھەللىدە بۇس بەك كۈچلۈك بولۇپ، ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىلىرى بۇستىن قارىداپ كېتەتتى، مەسىلە ناھايىتى تېزلا ھەل بولدى، بىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى تۇتۇش ئىرادىسىنى كۆردۇق، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ھەقىقىي كۈچەيدى.

    تورداشلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى. «كىچىك سىنىپنى پۈتكۈزمىگەن» نامىدىكى تورداش ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى مۇقەررەر ھالدا ئازدۇر- كۆپتۇر مەۋجۇت بولىدۇ! مەسىلىنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، مۇھىمى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بىز ھەم بايلىققا، ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغقا موھتاج. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئۆزىمىزنى ئاسرىغانلىق، مۇھىت ئاسراش مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى».


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى