بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «جۇڭگونىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «جۇڭگونىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «جۇڭگونىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلىش يىغىنى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق ۋەزىپە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قارالمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭگونىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېلىشىم لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتتىن ئىبارەت 3 چوڭ ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەڭپۇڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزى قۇرۇش − مەن 2015- يىلى 9- ئايدا ب د ت نىڭ تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلغان مۇھىم تەدبىر. بىلىم مەركىزىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، مەركەزنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى