بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ۋە ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ۋە ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى تەبرىكلەش يىغىنىدا ۋە ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، ئارمىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۈمىدنى ئاقلاش مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەنىڭ 90 يىلدىن بۇيان خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگەن شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خەلقنى ئازاد قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى مەدھىيەلەندى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى ئېسىل ئەڭگۈشتىرى ۋە كۈچى شەرھلەندى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ ئىگىلەش زۆرۈر بولغان تۈپ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ «ئۈچ ئۇلۇغ» تارىخىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق ئىنقىلابىي كۈرەش، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، غايەت زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ، سانسىزلىغان شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ مۇقەددەس شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز؛ خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ 90 يىلدىن بۇيان غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، غايە- ئېتىقاد، ئىسلاھات- يېڭىلىق يارىتىش، كۈرەش قىلىش روھى، ئىنقىلابىي ئىنتىزام ۋە ئارمىيە- خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىپ، «قىزىل قان تومۇرى»غا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل ۋارىسلاردىن بولۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق ھازىرلىقنى پۇختا قىلىپ قايتىدىن يولغا چىقىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا يارىتىش، تەشكىلىي شەكىلنى قايتا يارىتىش، كۈچ سىستېمىسىنى قايتا يارىتىش، ئىستىل ئوبرازىنى قايتا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان ئىشەنچ ۋە ھىمايە، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش- گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشىمىز؛ پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىلغار ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى يېتەكچىلىكىنىڭ ئارمىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۇنى مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇشىمىز؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ ئىگىلەش زۆرۈر بولغان تۈپ تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق تۇرمۇش يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسىگە تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، «تۆتتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» ۋە «ئالتە جەزمەن» قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز؛ ئارمىيەمىز زىممىسىگە ئالغان بۇرچ- ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن ئىكەنلىكى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنىڭ ئۆلچىمىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەربىي مەشىقنىڭ ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق يېرىنى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىدىن پارچىلىۋېتىشىگە قەتئىي يول قويماي، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە، قىسىمنىڭ ئىدىيە ۋە سىياسىي تەربىيەسىگە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، سۆزنىڭ جەۋھىرىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي مەزمۇننى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى چۈشىنىشتە، ۋاقتىدا ئۆگىنىش، ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنى پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، «غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان» يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىشەنچلىك، ئىنتىزامى چىڭ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. كوماندىر- جەڭچىلەرنى رەئىس شى جىنپىڭ ئىلمىي سۈرەتلىگەن، ئۆز قولى بىلەن ھەقىقىي چىڭ تۇتقان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ نامايان قىلغان چوڭ دۆلەت رەھبىرى ۋە ئەڭ ئالىي قوماندانغا خاس ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق تەربىيەلەپ، ئۇلارغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان يۈكسەك دىققەت- ئېتىبارى، خەلق ئارمىيەسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىغا بولغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كوماندىر- جەڭچىلەرنى تەربىيەلەپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش- گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇش باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە ئېسىل ئەنئەنىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر چىڭ تۇتۇپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھېكايىسىنى سۆزلەش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشىنى قىلىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنى سۆز ئۇرغۇتقان سىياسىي قىزغىنلىق، تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە كاتتا پارات قوزغىغان شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار، كۆرسەتمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە فۇنكسىيەلىك بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئۈچنى قوغداش»نى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى 1- دەرىجىلىك خىزمەت ئۆلچىمى، جۇشقۇن روھىي ھالەت بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى