بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېچىلدى

11ئورۇن 375 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

    مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 9 -كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يىڭسەي ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2019 ـ يىللىق «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» تەكلىپ قىلىش يىغىنى كورلا شەھىرىنىڭ چارىباغ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يېزىدىكى 200 كەنت ئاھالىسى نەق مەيداندىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

    شۇ كۈنى سائەت 10 دا، كەنت ئاھالىلىرى كورلا شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەيچاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىش ئورنى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

    33 ياشلىق روزى ئەخمەت خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى بارلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، كورلا شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئاپتوموبىل ئارقا سەپ ياردەمچىسى ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ يەردە ئىشلەشنى قارار قىلدى. روزى مۇنداق دېدى: خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى يېزىمىزدا ئېچىلىپ بەك ياخشى بولدى. ئىدارىدە خىزمەت قىلغاندا مۇقىم كىرىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېرىدىكەن. مېنىڭ تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان بولدى.

    بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا جەمئىي 11 ئورۇن 375 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇ كۈنى 50 ئادەم خىزمەت توختامى ئىمزالىدى. ئامانلىق ساقلاش، تازىلىق ئىشچىسى، شوپۇر قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئۇلارنى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن مۇئەييەن تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدۇق. كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يېزىلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچىمىز.

    ھازىرغا قەدەر، 2019 ـ يىلى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى كورلا شەھىرىدە بەش مەيدان ئۆتكۈزۈلدى. جەمئىي 78 كارخانا قوشئېرىق يېزىسى، قارا يۇلغۇن يېزىسى، توبرىچى يېزىسى، يېڭىشەر يېزىسى، چارىباغ يېزىسىدىكى 2200 كەنت ئاھالىسىنى 2300 گە يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى،  462 كىشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە خىزمەت توختامى ئىمزالىدى.

    شىرىنئاي رېھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى