بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار قوغدالدى، ئېكولوگىيە ئاساسى پۇختىلاندى

    ـــــ ئوبلاستىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا پائال ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى

    مۇخبىرىمىز چېن شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك شىركىتى بىخەتەرلىك مۇھىت ئاسراش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇخبىرغا بۇ شىركەتنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زاۋۇتىمىز بىر تەرەپ قىلىپ بولغان پاسكىنا سۇلاردا بېلىق باققىلى بولىدۇ. شىركەتنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش باش چىقىرىش ئېغىزىدا، ئىشلەپچىقىرىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىدا چىققان پاسكىنا سۇلار تۈرلۈك تەرتىپلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ جايدىن ئاستا – ئاستا ئېقىپ چىقىپ، سۈزۈك سۇغا ئايلىنىدۇ، بېلىقلار سۇدا ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ، سۇ ئېقىنى ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسەلەيدۇ.

    شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك شىركىتى بىخەتەرلىك مۇھىت ئاسراش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك شىركىتى 2016 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ چىقىرىشنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، بۇ يىل يەنە 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نۇقتىلىق قىلىپ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش جەھەتلەرنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىپ، كۆمۈر مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاقاشنى، ئېلېكتىر

ئىستانسىسىدا ئىس – تۈتەكنى ئىنتايىن ئاز قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    2017 – يىلىدىن بۇيان، كورلا شەھىرى شىنىغا بازىرى ئاھالىسى ۋاڭ ۋېي كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)دا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم كارخانىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن زاۋۇتتىكى مورىلاردىن چىققان ئىس – تۈتەكلەر مۇھىتنى بۇلغايدۇ، دەپ قارايتتـىم، ئۇلارنىڭ پار قازىنى ئىس – تۈتەكلىرى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن چىقارغان سۇ پارلىرى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ قويۇپ بېـرىش ئۆلچىـمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئىشلەپچىقىرىشتىن پەيدا بولغان پاسكىنا سۇلارنى تۈرلۈك تېخنـىكىلىق بىـر تەرەپ قىلىشلاردىن كېيىن، كۆكەرتىشتە سۇغىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ھايۋاناتلارمۇ ئىچەلەيدىكەن، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستىمىز «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشى بويىچە تۈزىتىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا پائال ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى.

    ئوبلاستىمىز بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە ئوبلاستىمىزدا جەمئىي 3023 ئورۇن بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت مەنبەسىدىن 2041 ى، مەركەزلىك شەكىلدىكى بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىدىن 55 ى، دەريا (كۆل)لەرگە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىن سەككىزى، سانائەت باغچە رايونىدىن 10ى تەكشۈرۈلۈپ، ئوبلاست بويىچە تۈرلۈك مەنبەلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ تاماملىنىش نىسبىتى %100 بولدى. ئوبلاستىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوبلاستىمىزدا سەككىز نۆۋەتتە 176 قېتىملىق نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىدا سۇنۇلغان 187 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش»نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىرنى بىلىۋېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىپ، مەسىلىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئوبلاستىمىز جەمئىي 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش قايتما ئىمكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە ئىشلىتىپ، 13 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىت تەرتىپىنىڭ ئىلگىرىلىشى بويىچە تاماملىدى.

    ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش جەھەتتە، ئوبلاستىمىز قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيەلىرىنى شاللاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بەش جايدىكى كۆمۈر كاننى شاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 390 مىڭ توننىنى چېكىندۈرۈپ، ئوبلاستىمىز بويىچە «ئون كىچىك» كارخانىدىن يەتتىنى شاللىدى.  كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئىككى ئېلېكتىـر ئىستانسىسىـنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىنتايىن تۆۋەن مىقداردا قويۇپ بېرىشكە ئۆزگەرتىشىنى تاماملاپ، 10 توننا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان 439 پار قازىنىنى شاللاپ، 51 پار قازىنىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈپ، نىتراتسىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى 13 مىليون كىۋادرات مېتىرغا ئاشۇردى. گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 2320.27 توننا ئازايدى، ئازوتنىڭ ئوكسىدلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 608.11 توننا ئازايدى.

    سۇ مۇھىتىنى تۈزەش جەھەتتە، ئوبلاستىمىزدىكى 11 شەھەر – بازار پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ئىچىدە توققۇزى 1A دەرىجىلىك بەلگە قويۇپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى ۋە ئىشقا كىرىشتۈردى. دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغانغان توسمىدىن 35.7 كىلومېتىر بۆلەكنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، 66.1 كىلومېتىر دەريا يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئازادلىق 2 – ئۆستىڭىنىڭ باش غول ئۆستىڭى سۇ قايتۇرۇش چۈشۈرگىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۈي جىلغىسى ــــ باغراش كۆلىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 114 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈشنى تاماملىدى.

    تۇپراق مۇھىتىنى تۈزەش جەھەتتە، ئوبلاست بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، كورلا شەھىرىنىڭ 1 – قارارلىق كۈنىگە 750 توننا ئەخلەتنى كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىش تۈرىنى پۈتتۈردى. «يېشىل قالقان 2018» تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشكە 548 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 142 جاينى تۈزەشنى تاماملىدى.

    ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتـنى قوغداشـتا پـەقەت باشلىنىش بار، ئاخىرلىشىش يوق. 2019 – يىلى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، نورمال ھالەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى