بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ باش تېما تەربىيەسىنى مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلدى

     ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ھەرىكەتتە تېز ئەگىشىش، تەدبىردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چەي دۇڭبو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1 – تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2 – تۈركۈمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئـورۇنلاشتـۇرما يىغىـنى ئېچىلغاندىن كېيىن، 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلدى، شۇنداقلا دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۈ ۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    جۈ ۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبكە سىڭدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كونكرېت نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن با ش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاش، ياخشـى تەشكىللەش كېرەك.

    بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى قۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىرقەدەم ئالدىن ئۆگىنىش، چوڭقۇرراق ئۆگىنىشتەك قويۇپ كەيپىياتنى ھەقىقىي ياراتتى.

    ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى شى جيەنيۇڭ ۋە باشقا پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرى يىغىنىغا قاتناشتى، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى ئەزالىرى، ئورگاندىكى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار 1 – قېتىملىق مەركەزلىك يېپىق ئۆگىنىش ئېلىپ باردى.

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى