بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ:  9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆزى، مۇھىم بايانلىرى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يىغىن، ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇردى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى  چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش __ پۈتۈن پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى سىياسىي جەھەتتىن تاۋلاش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلەش، چېنىقتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە  مەركىزىي  كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەييارلىق، سىياسىي تەييارلىق، نەزەرىيە تەييارلىق، ئەمەلىيەت تەييارلىقىنى تولۇق، ياخشى قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «نەزەرىيە ئۆگىنىپ تەسىراتقا ئېرىشىش، ئىدىيەۋى سىياسىي جەھەتتىن تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك، دۇرۇس بولۇشتا باشلامچى بولۇش»تەك كونكرېت نىشاننى چۆرىدەپ، «تۆتتە دەل جايىدا بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، باشتىن ـ ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن  ـ ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «مەن بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇش» ئىدىيەسىنى قەتئىي  توسۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش ۋە بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ماددىمۇ ماددا بىر ـ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بىر ـ بىرلەپ تۈزۈپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، چوڭقۇر تۈزىتىپ، تۈزىتىشكە قاتتىق دىققەت قىلىپ، داۋاملىق تۈزىتىپ، بىرنى تۈزەتسە، بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغىچە بولدى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىگىچە بولدى قىلماسلىق، تۈزىتىش ئۈزۈل ـ كېسىل بولمىغىچە بولدى قىلماسلىق، ئامما رازى بولمىغىچە بولدى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىر ئاي ۋاقىت قالمىدى، ئامانلىقنى ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەھمىيىتى زور. باشتىن ـ ئاخىر مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوملارنىڭ دۆلەت بايرىمىدىكى ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، ئەرزىيەت، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، قىيىنچىلىقى بار كوللېكتىپقا ياردەم قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش،خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، تەرەققىياتقا دائىر بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى.

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى