بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • باغراش ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولدى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى  تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە بېكىتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ  باغراش ناھىيەسى  تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولدى. كەلگۈسىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بايراقدار قىلىنىپ، تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى  پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە ئىلھام بېرىلىدۇ.

    تۇنجى تۈركۈمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بېكىتىشكە قاتناشقان ئۈلگىلىك رايونلار ۋە ئورۇنلار مەدەنىيەت – ساياھەت يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، خەلقنى بېيىتىش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، مەنزىرە بىلەن شەھەرنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، مەنزىرە رايونى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئېكولوگىيەگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىستىراھەت دەم ئېلىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش بويىچە  

    ئۈلگە كۆرسىتىش،  بايلىق تۈگىگەندە تىپىنى ئۆزگەرتىپ يېڭلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، چېگرا رايوننى ئېچىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇنلىغان تەقلىد  قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللارنى بارلىققا كەلتۈردى.

    بۇ قېتىم شىنجاڭدىن تاللانغان ئورۇنلار جەمئىي ئالتە بولۇپ، ئۇلار ئايرىم  – ئايرىم ھالدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى، ئاقـسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسى، 8 – شى شىـخەنزە شـەھىرى، 10 – شى  185- تۇەن، 9 – شى 161- تۇەندىن ئىبارەت.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشتىن  – ئاخىر پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى. پۈتۈن رايوننى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەنزىرىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى. 2018 – يىلى 8 –ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى. 2019 –يىلى 3 –ئايدا، باغراش ناھىيەسى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە بېكىتىش ئارقىلىق تۇنجى نۆۋەتلىك  دۆلەت پۈتۈن رايونى ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى. بۇ باغراش ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى خىزمىتىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قوللاش، شۇنداقلا رىغبەتلەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

    بۇنىڭدىن كېيىن، باغراش ناھىيەسى ئاساسلىقى«ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى بەرپا قىلىش، ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ،  5Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى مۇستەھكەملەپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ.

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى