بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭتەي نېفىت – خىمىيەسى PTA تۈرى پار قازان ئارىلى قۇرۇلۇشىدا 1 – نومۇرلۇق پار قازانغا بىر قېتىمدىلا ئوت يېقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

جۇڭتەي نېفىت – خىمىيەسى PTA تۈرى پار قازان ئارىلى قۇرۇلۇشىدا 1 – نومۇرلۇق پار قازانغا بىر قېتىمدىلا ئوت يېقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭتەي نېفىت – خىمىيەسى» دېيىلىدۇ) پار قازان ئارىلى قۇرۇلۇشىدا 1 – نومۇرلۇق پار قازانغا بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوت يېقىلدى، بۇ پار قازان ئارىلى جۇڭتەي نېفىت – خىمىيەسى PTA تۈرىنىڭ ئاساسلىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئەسلىھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، PTA ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېرىيال سېلىشقا قاراپ مېڭىشىدا ھالقىلىق قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    1 – نومۇرلۇق پار قازانغا بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوت يېقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭتەي نېفىت خىمىيەسى پار قازان سېخى ھەر كۈنى تۈر توغرىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، تەڭشەش جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. تەشكىلىي تەييارلىق، خادىملار تەييارلىقى، تېخنىكا تەييارلىقى ۋە ماددىي ئەشيا تەييارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپتە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەڭشىگۈچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، نازارەت قىلغۇچى ئورۇن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق بولۇش، ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    جۇڭتەي نېفىت – خىمىيەسى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جياڭ يۈنفېي مۇنداق دېدى: 1 – نومۇرلۇق پار قازانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوت يېقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، PTA تۈرىنىڭ سىناش باسقۇچىدىكى مۇھىم ئابىدە. پار قازان سېخىدا ئوت يېقىش جەريانىدا، پار قازانغا دىزېل مېيى ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، سىناق قىلغۇچىلار كېچىلەپ دىزېل مېيى پومپىسىنى تەڭشەپ، ماي يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماي ئەسۋابىنى تۇمانلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ياخشى ئىشلەپ، دىزېل مېيىنى تولۇق كۆيدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 1 – نومۇرلۇق پار قازانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوت يېقىش كېيىنكى قەدەمدىكى PTAئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بىرلەشمە سىناق قىلىش باسقۇچىغا ياخشى ئاساس سېلىپ بېرىدىكەن. PTAتۈرىدە پار قازىنىغا ئوت يېقىشنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى سېستىمىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنى يەككە ماشىنىلىق سىناق قىلىش ۋە بىرلەشمە سىناق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەھمىيىتى زور ئىكەن. ھازىر پار قازاننىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، ماي بېسىمى نورمال ئىكەن.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى