بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ دەرۋازىسىدىن كۆرۈنۈش.    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گاۋ فاشۈي مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە بىرلىكتە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    گاۋ فاشۈي تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پائال ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشى دىققەت ۋەكۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىخـتىـساسلىقلىرىنى  يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياردەم بېرىشتىكى كۈچلۈك تەدبىرى. بۈگۈنكى ۋىۋىسكا يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەھكەم ئاساس سالدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە ئۈمىدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش بايلىقى، مەكتەپ باشقۇرۇش داڭلىق ماركىسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، كارغا كېلىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ھەتتا پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ۋىۋىسكا يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىغا رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئوبلاستىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، تۈرلىرى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشتا، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ بىلەن كەسىپ بىر تۇتاش يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ھەتتا پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئىختىساسلىقلار مائارىپى بىلەن تەمىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كەسىپ جەھەتتىكى ئادەم كۈچى ئېھتىياجىنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى پەسەيتىشتە مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. بايىنغولىن ئوبلاستى «ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» پرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شۆيۈەننى مەزمۇنى مول، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئالىي مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي جىنسۇڭ، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇڭ بىن قاتارلىقلار ۋىۋىسكا  يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئامانگۈل رۇزى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى