بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى ئىككى كەنت مەملىكەت بويىچە يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ تاللاندى

    

    ▲ 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، يامغۇردىن كېيىن خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق بازىرىنىڭ باشلىك كەنتى چارۋىچىلار جولما ئارامگاھلىرىنىڭ ئاسمىنىدا گۈزەل ھەسەن – ھۈسەن مەنزىرىسى پەيدا بولدى.

   

    ▲ 6- ئاينىڭ 16 – كۈنى، ساياھەتچىلەر يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىكشىن بازىرىنىڭ خورا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتىدىكى قىچا چېچىكى ئېتىزىدا سەيلە قىلماقتا.  سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز چۆ . خۇرە تارتقان

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت كەنت مەملىكەت بويىچە يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ تاللانغان. بۇ تۆت كەنت ئايرىم – ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قاناس مەنزىرە رايونى قۇم كەنتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرى باشلىك كەنتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلياڭدى كەنتى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىكشىن بازىرىنىڭ خورا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى.

    ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تاللانغان 122 يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنتلەرنى  يېقىندا ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم ئوبلاستىمىزدىكى ئىككى كەنتنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ تاللىنىشى ئوبلاستىمىزنىڭ يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ باشلىك كەنتى مەۋقەنى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىغا قويۇپ، مەنزىرە رايونى بىلەن چارۋىچىلارنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى تەدرىجىي ھالدا ساياھەت مۇلازىمىتى كەسپىگە ئۆزگەرتتى. يەنجى ناھىيەسى خورا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى خورا تېغى، چوڭ – كىچىك بۇلاق جىلغىسىغا ئالاقىدار تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كەنت، خورا تېغى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق ساياھەت ماركىسىنى ياڭراتتى.

    مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكى ئاساسى ئۈزلۈكسىز زورايغان. بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىدە يايلاق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلار ئارامگاھىنى، ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك، مېۋىلىك باغ، باقمىچىلىق باغچىسىنى ئاساس قىلغان دېھقانلار ئارامگاھىنى، شۇنداقلا باغراش كۆلى قاتارلىق سۇ رايونلىرىنى تايانچ قىلغان بېلىقچىلار ئارامگاھىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلدى. ھازىرغىچە بايىنغولىن ئوبلاستىدا يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھىدىن 251 ى (بەش يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن تۆتى، تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن 48 ى، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن 176 سى، ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن 23 ى) بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

    بۇنىڭدىن كېيىن، ئوبلاستىمىز يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىدە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ھېس قىلىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «شادلىق دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا بولۇش» خىزمەتلىرىنى تولۇق ۋە ياخشى ئىشلەيدۇ؛ كۈتۈۋېلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا كۆرۈش» خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا ھېس قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ ساياھەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى