بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى مەركەزلىك بېجىرىش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى

    مۇخبىرىمىز چېن شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شىڭ گوفۇ خەۋەر قىلىدۇ: ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەكلىپلەرنى مەركەزلىك بېجىرىش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، تەكلىپ بېجىرىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. بۇ ئاپتونوم   ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2019 ـ يىللىق تەكلىپ   خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك   يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

    يىغىندا ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئوبلاستلىق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسى قاتارلىق تەكلىپ بېجىرىش سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئالتە ئورۇننىڭ مەسئۇلىنى سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ، تەكلىپ بېجىرىشتىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئالماشتۇردى.

    يىغىنغا قاتناشقانلار كورلا شەھىرى تۆۋەنكى چاچى 1 – نومۇرلۇق ئولتۇراق رايون (49 – نومۇرلۇق ئولتۇراق رايون)، ئاۋات يېزىسى قاتارلىق جايلاردا تەكلىپ بېرىلگەن ئولتۇراق رايوننىڭ زەرەتلەش قوزۇقى قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. سۆھبەت يىغىنىدا، ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى رەھبەرلىرى «ئولتۇراق رايوننىڭ زەرەتلەش قوزۇق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»، «كىچىك شەھەر – بازار ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»، «قۇرۇلۇش مۇلازىمەت ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»دىن ئىبارەت ئۈچ تەكلىپكە مەركەزلىك ھالدا بېجىرىش توغرىسىدا جاۋاب بەردى، جاڭ گوجۈن قاتارلىق ئۈچ تەكلىپ بەرگۈچى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى تونۇشتۇردى شۇنداقلا، ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ تەكلىپ بېجىرىش جاۋاب بېرىش خىزمىتىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋە تەكلىپ بېجىرگۈچى ئىككى تەرەپ يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

    سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك يەنە قانداق قىلغاندا تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى