بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاش كېرەك

تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئىقتىساد خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى يۈكسىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    تۈگجەجاپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ تيەنيۈن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئېچىش چەكلىك شىركىتى بۈگۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر شۆبە شىركىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى جۈرۇڭ ئېنېرگىيەسى يېقىلغۇ گاز چەكلىك شىركىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى خۇڭيۈەن نېفىت ئەسلىھە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تەكشۈردى ھەمدە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە   كەلگۈسى پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە كارخانىلار ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ۋە مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

    ئارقىدىنلا ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپسىدىكىلەر بۇ ناھىيەنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى  كارخانىلارنى سىستېمىلىق رەتلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر، سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، روھى ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم  ھاسىل قىلىشقا، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، باشلامچلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتىش كېرەك.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار  ۋە ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە خىزمەت مېخانىزمى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ چىڭ بولۇش، تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش، تېخىمۇ قاتتىق بولۇش، تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشتەك ئىستىل ۋە پوزىتسىيە بىلەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىدە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلاردا ئەمەلىي ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە  مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى تيەنيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى