بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ ئىستۇدېنتلارنى ياشلىق باھارى ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

شى جىنپىڭ 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئىستۇدېنتلارغا جاۋاب خەت يېزىپ ئىستۇدېنتلارنى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 15- كۈنى 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئىستۇدېنتلارغا جاۋاب خەت يازدى. ئۇ خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكىتىمىزدىكى 1 مىليون 500 مىڭ ئىستۇدېنتنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن كۆپرەك ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنىڭ يەنئەنگە بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلىپ ھەم ئاكتىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ھەم ئىدىيە جەھەتتىن پاكلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنئەن ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى، سىلەرنىڭ يەنئەنگە بېرىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ ھەم مۇشەققەتلىك تارىخىي ئىزناسىنى ئىزدەپ، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىپ، غايە- ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەپ، ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، جۇشقۇن ياشلىق ئارزۇيۇڭلارنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرگىنىڭلار ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇش روھىي قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۈركۈم – تۈركۈم ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ياراملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. جاپا- مۇشەققەتتىن مۇۋەپپەقىيەت كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈن بىز تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ شانلىق نىشانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق. ۋەتىنىمىزنىڭ ياشلىرى غايىلىك، ئىنتىلىشچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈزلۈكسىز ياشلىق كۈچىگە ئېرىشىدۇ. سىلەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئەقىل- پاراسىتىڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، مىليونلىغان خەلق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشتە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىقىڭلار ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ يىل 4- ئاي ۋە 7- ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو «ئالاقە تورى+» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى سۇپىسىغا تايىنىپ، «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغانىدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تۈركۈمدىكى كوللېكتىپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا يەنئەنگە بېرىپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ئارقىلىق كونا ئىنقىلابىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق ئەزالار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئېرىشكەن ئۈنۈمى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، ۋەتەن، خەلققە ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، ياشلىق باھارى ۋە غايىسى ئارقىلىق ئېتىقاد ۋە كۈرەش قىلىش كۈيىنى ياڭرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى