بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتكا چىدامچانلىق تۈرى بويىچە ئېگىزلىك رايونى تىركىشىش مۇسابىقىسى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بايىنبۇلاقتا باشلىنىدۇ

مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتكا چىدامچانلىق تۈرى بويىچە ئېگىزلىك رايونى تىركىشىش مۇسابىقىسى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بايىنبۇلاقتا باشلىنىدۇ

     بايىنبۇلاق «چىدامچان ئۆسمۈر»لەردىن سىناق ئېلىشنى كۈتمەكتە

    مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىر كېلىدىغان بايىنبۇلاقتا ئۆتكۈزىلىدىغان دالا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كىم قوتازدىن تېز يۈگۈرەلەيدۇ؟ كىم تۆگىگە قارىغاندا تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىگە ماڭالايدۇ؟

    8 – ئاينـىڭ 29 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە بايىنبۇلاقتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتكا چىدامچانلىق تۈرى بويىچە ئېگىزلىك رايونى تىركىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كېلىڭلار! 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بىر توپ ئۆسمۈر ئېگىزلىكنىڭ چىدامچانلىق سىنىقىغا قاتنىشىدۇ.

    بۇ مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى (جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا جەمئىيىتى) مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە يۈننەن، گۇيجۇ، چىڭخەي، گەنسۇ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن 298 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ، ئاپتونوم رايونىمـىزدىن 36 ماھىر قاتنىشىدۇ.

   مۇسابىقە تۈرلىرى دالىدا يۈگۈرۈش ۋە يورغىلاپ مېڭىش دەپ ئايرىلىدۇ. ھەر بىر تۈردە تەنھەرىكەتچىلەر يېشىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشى 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولۇپ، مۇسابىقە مۇساپىسى ئۈچ كىلومېتىردىن 10 كىلومېتىرغىچە ئوخشىمىغان مۇساپىدە بولىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە ، يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 2011 – يىلى «يېنىك ئاتلېتكا ئېگىزلىك ئىختىساسلىقلىرىنى ئېچىش پىلانى»نى يولغا قويغان. بۇ پىلان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، يېنىك ئاتلېتكا چىدامچانلىق تۈرى بويىچە ئېگىزلىك رايون ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى. يېنىك ئاتلېتكا چىدامچانلىق تۈرى بويىچە ئېگىزلىك رايونى تىركىشىش مۇسابىقىسى 2011 – يىلى يۈننەن كۇنمىڭدا تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، چىڭخەي، شەنشى، سىچۈەن، شىزاڭ، گۇيجۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئۇدا سەككىز يىل ئۆتكۈزۈلدى. بۇ «ئېگىزلىك ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى ئېچىش پىلانى»نى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئېگىزلىكتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئەۋزەللىكى ۋە ئېگىزلىكتىكى مەشىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكىتى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. تىركىشىش مۇسابىقىسى ئارقىلىق «ئېگىزلىك ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى ئېچىش پىلانى» بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، مەملىكىتىمىز يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن ئارىلىق، چىدامچانلىق تۈرىدىكى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر زاپاس قوشۇنى بەرپا قىلىنىدۇ. ھەر يىلى بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئېگىزلىك رايونى تىركىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلاردىن ئىختىساسلىقلار بايقىلىپ، مەشىق تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، يېنىك ئاتلېتكا تۈرى ئېگىزلىك مەشقى تەتقىقـات سـۇپىـسى قۇرۇلىدۇ.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى