بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭ ــ چىڭخەي ــ گەنسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 – يىللىق سەھىيە جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرى چاقىلىقتا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ــ چىڭخەي ــ گەنسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 – يىللىق سەھىيە جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرى چاقىلىقتا ئۆتكۈزۈلدى

    ئوبلاستىمىزنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ – چىڭخەي – گەنسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 – يىللىق سەھىيە جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرى چاقىلىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن 20 نەچچە قوشۇننىڭ 120 دىن ئارتۇق سەھىيە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىمى مانىۋېرغا قاتناشتى. ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سارۇل قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    بۇ مانىۋېر ئەمەلىيەتكە يېقىن، تەرتىپى قېلىپلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈلدى، مانىۋېرغا قاتناشقانلارنىڭ ھەرىكىتى تېز، ماسلىشىشى زىچ، بىر تەرەپ قىلىشى دەل جايىدا بولۇپ، لايىھەنى تەكشۈرۈش، مېخانىزمغا كۆندۈرۈش، قوشۇننى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىلىپ، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشتا ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلۈپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىندى.

    سارۇل مۇنداق دېدى: چۇما يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ــ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىمقى مانىۋېر ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ چۇما يۇقۇمى ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قوماندانلىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ، چۇما يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان بىرلەشمە تاقابىل تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ۋە رايون ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىق ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇش، چۇما يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ۋە مۇھىم ئۈلگە بولۇپ، تاسادىپىي يۈز بەرگەن چۇما يۇقۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئوبلاستىمىزنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەي گۇاڭجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئارىسىدىكى چۇما يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانىۋېر ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئەھۋالغا بىرلەشمە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى.

   مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

   (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى