بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى سىناق مەركىزى تۈرىگە تەرەققىيات رايونىدا ئۇل سېلىندى

    مۇخبىرىمىز چېن شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى شىنجاڭ ليەنچۇاڭ كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى سىناق مەركىزى تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ) ئۆتكۈزۈلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ پائالىيەتكە قاتناشتى.

    ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ليەنچۇاڭ كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تۈر ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بۇ تۈرنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئۇل سالدى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ليەنچۇاڭ كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 57 مىليون 690 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمدە نوپۇزلۇق تېخنىكا كوللېكتىپىغا ئىگە بولغان ئالەم قاتنىشى كەسپى بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى ھېسابلىنىدىكەن. شىنجاڭ ليەنچۇاڭ كەلگۈسى ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى سىناق مەركىزى تۈرىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى 2019 – يىلى تاماملىنىپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە سودا ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىلمىي، ئىلغار تەجرىبە مەيدانى ۋە تەجرىبە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جى خۇڭخۇي مۇنداق دېدى: تەرەققىيات رايونى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان باشتىن ـ ئاخىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچ چىقاردى، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى سىناق مەركىزى تۈرى تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، پۈتكۈل كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. تەرەققىيات رايونىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار تۈر قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ساقلانغان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، «ئارىلىقسىز» مۇلازىمەت، «نۇقسانسىز» خاس مۇلازىمەت، «كاشىلىسىز» ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.    

ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى