بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى «ئەڭ گۈزەل سايە»

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8  – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35℃قا يەتكەن. لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. سۈرەتكە تارتىش، سەيلە قىلىش، قەدىمىي ئۆرپ – ئادەت بىلەن تولغان مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئەمما، يېنىدا خالتا ئېلىپ ئەخلەت تېرىۋاتقان تازىلىقچىلارغا دىققەت قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى.

    لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ دائىرىسى 72 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ كەنتتە توغراق، قۇملۇق، تارىم دەرياسى قاتارلىق نۇرغۇن تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە لوپنۇرلۇقلار تۇرالغۇسى بار. تازىلىقچىلار ئۈن  – تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقاچقا، مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى ئەسلىدىكى گۈزەللىكنى ساقلاپ قالدى.

    مەنزىرە رايونىنىڭ بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن تازىلىق ئىشچىسى ئابلىز غوپۇر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى شۇ چوڭ مەنزىرە رايونىدا ئايلىنىپ تازىلىق قىلىدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت قىسقۇچ ۋە ئەخلەت خالتىسىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ. ئابلىز غوپۇر مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ساياھەتچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن، بىز چوقۇم ساياھەت يولىنى بىر قېتىم تازىلىشىمىز كېرەك. بىز يەنە قۇملۇققا كىرىپ، قۇم خالتىسىغا يامىشىپ چىقىپ، ساياھەتچىلەر تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلەرنى تېرىمىز. ساياھەت يولىنىڭ پاكىزلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، قۇملۇق ۋە كۆل، دەريالاردىكى ئەخلەتلەرنى تېرىش ناھايىتى جاپالىق ھەم خەتەرلىك ئىش بولسىمۇ، ئابلىز ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن قىسقۇچنى ئېلىپ، يېمەكلىك خالتىسى، مېنېرال سۇ پوتۇلكىسى، مېۋە شۆپۈكى قاتارلىقلارنى بىر – بىرلەپ تەردى.

    ئابلىز غوپۇر ھەر كۈنى سائەت 8 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، 20 دە ئىشتىن چۈشىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوندا كۆپ قېتىم ئەخلەت تېرىدۇ. ئەتىيازدا بوران چىقىپ، ئاسماننى قۇم – بوران قاپلاپ، ئەخلەتلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى؛ يازدا پىژغىرىم ئاپتاپ چىقىپ، يەر يۈزىنى قاقلايتى؛ كۈز يامغۇرى توختىماي يېغىپ، ھەممە يەر يوپۇرماقلار بىلەن قاپلىناتتى؛ قىش كۈنلىرى قەھرىتان سوغۇق، قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ ياغاتتى… بىراق ئۇلار مەنزىرە رايونىدىكى «ئەڭ گۈزەل سايە» لەر ئىدى.

    ھەر يىللىق كاۋاپ بايرىمى، دالا پائالىيىتى، ئات بەيگىسى، قۇملۇق پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بايرام پائالىيەتلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى ئابلىزلارنىڭ ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى. ئۇلار قۇملۇقنىڭ ساياھەتچىلەر ئالدىدا ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ئازراقمۇ ئەخلەت قالدۇرمايدۇ.

    شاماللىق كۈنلەردە، ئابلىز قۇملۇق رايونىدىكى ئەخلەتلەرنىڭ قۇملۇقنى بۇلغىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بىر ئەخلەت تۇڭىنى پاكىز تازىلىدى. تازىلىق قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئۇ ئاۋۋال يىغىپ، ئاندىن تازىلىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تازىلىق ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تازىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يول يۈزى، قۇملۇق رايونىنىڭ تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    بەزىدە سۇلياۋ خالتىلار دەرەخ شېخىغا ئىلىشىپ قالغاندا، ئابلىز خەتەرگە قارىماي دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ -دەريالىرى، ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە قۇملۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كېلىدۇ، مەن بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىشىگە يول قويمايمەن.

    بۇ يىل 5 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدىكى كاۋاپ بايرىمىدا، مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى 6000دىن 7000غىچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار كۈندۈزى يول يۈزىنى تازىلىدى، كەچتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇدى، ئەتىگەندە تاڭ ئاتماستا خىزمەت قىلدى. لېكىن ئابلىز ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك گۈزەل قۇملۇقنى كۆرگىنىدە بۇلارنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

شىرىنئاي رېھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى