بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ كورلا شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاش كېرەك

تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ كورلا شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاش كېرەك

    8- ئاينىڭ 17 – كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ كورلا شەھىرىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلەپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىز قوغلاپ ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن فوتوسى

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ ئۆمەك باشلاپ كورلا شەھىرىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلەپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىز قوغلاپ ئىلگىرى سۈردى. تۈگجەجاپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، زۆرۈر ئامىللار بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سەپلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەر ئۆتكىلىگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇلۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، ئۆز قەرەلىدە پۈتۈپ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم نەق مەيداندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان كورلا ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى، كونا شەھەر رايونىنىڭ شەھەر يوللىرى، تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، لۇڭشەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، يىڭبىڭ يولى ئۇزارتىلغان بۆلىكى قاتارلىق تۈرلەر ھەم كورلا شەھىرىنىڭ مۇھىم ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ھەم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن. قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى كورلىنىڭ مەركىزىي شەھەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ،  شەھەرنى ئىنچىكە   باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر شارائىتىنى، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، قىستاڭچىلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، شەھەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    تۈگجەجاپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىدى، ھەم كورلا شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار ئارىلاپ – ئارىلاپ توختاپ قۇرۇلۇش خادىملىرى ۋە مۇھىت تازىلىقى خادىملىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى. تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق ئىشلەپ، كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردۈڭلار، پاكىز، ئازادە شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز كۈچ چىقاردىڭلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي سىرتقا چىقىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىڭلار ۋە تۆھپە قوشتۇڭلار، ھەر مىللەت ئاممىسى سىلەرنىڭ جاپالىق بەدەل تۆلىگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. تۈگجەجاپ تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنداق تاپىلىدى: ئىشچىلارنىڭ ياتاق، تاماق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ كۆپچىلىككە ئازادە، بىخەتەر قۇرۇلۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈگجەجاپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كورلا شەھىرىنىڭ ھازىرقى باسقۇچلۇق ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «سىرتلارغا چىقىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ مۇھىمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دېگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پات ئارىدا باشلىنىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن ياخشى ۋە يېتەرلىك پايدىلىنىپ، تۈردە بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش مۇددىتى پىلانىنى زىچ چۆرىدەپ، جاپاغا چىداشلىق، كۈرەش قىلىش روھىغا باي بولۇشتەك روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتنى تەتۈرىسىگە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلەش كېرەك!

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن فېڭ، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سارۇل، شۇنداقلا ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى