بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 6 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم ئوبلاستلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 6 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

    مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك قىلىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 6 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، نۆۋەتتىكى ئوبلاستىمىزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك قىلىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم ئوبلاستىمىزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش «پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىمغا بارغاندا  دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دەيدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۈرەش روھىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك قىلىشـتا قايتـما ئىنـكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي ئاڭلىقلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ زور سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن قارا، رەزىل كۈچلەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يوقىتىپ، تورىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يوقىتىپ، تورىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېلو بويىچە چوڭقۇر قېزىپ، پەردە ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى»، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى تەشۋىقات ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «قاتتىق زەربە بېرىش، يەنە زەربە بېرىش، داۋاملىق زەربە بېرىش»تەك ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، بېجىرىلىۋاتقان دېلولارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېز رازۋېدكا قىلىش، تېز ئەيىبلەش، تېز سوت قىلىش، تېز ھۆكۈم چىقىرىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى «قانۇن جېڭى»نىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆز كەسىپلىرىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساھە قالايمىقانچىلىقىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساغلام، تەرتىپلىك تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى «تۈزەش جېڭى»نى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئوبلاستلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ۋە مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتتە يولۇققان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ ، تۈرلۈك مېخانىزم، تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشى كېرەك.

    مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى