بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (8) «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (8)

    جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.

    «پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك قۇرۇشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا يېڭى تەلەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى ئىدىيە قىبلىنەماسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ مىزاندۇر.

    بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۇنىڭ خەلقنىڭ رايىنى مايىل قىلالىغان- قىلالمىغانلىقىغا باغلىق. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مۇھىتىنى يېڭىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى، پارتىيە رايى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ.

    ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى ھەممە كىشىگە ۋە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇتتىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن خەلقنى يېتەكلەپ زور خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

    ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەزىپىسى. «تۆمۈرچى بولۇش ئۈچۈن بەل چىڭ بولۇشى كېرەك». پەقەت تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور غەيرەت، تېخىمۇ زور شىجائەت بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تېخىمۇ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرالايدۇ.

    پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ، قارىغۇلارچە مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. رېئاللىق بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ساقلاپ، قاتتىق ۋە چىڭ ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تارتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئوي- پىكرى، تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىغا تېخىمۇ ياخشى بەرداشلىق بېرىپ، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدارسىزلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، تارىخىي «ئىمتىھان»دا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن كېمىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەلىبىلىك ھالدا پارلاق قىرغاققا قاراپ يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى