بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى باشلاندى

382 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 12 مىڭ 95 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

    مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، ئۈچ مەكتەپ ئالىي تېخنىكوم تۈركۈمى بويىچە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

    بۇ يىل، ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي تۈركۈمى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى 382 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 12مىڭ 95 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە، ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش ئادەتتىكى تۈرى، قوش تىل تۈرى، مىللىي تىل تۈرى پىلانى بويىچە ئارخىپ يوللىنىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ مەكتەپ ئالىي كەسپىي تۈركۈمىنىڭ ئادەتتىكى تۈرى پىلانى بويىچە  ئارخىپ يوللىنىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. 8  ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە ئالىي كەسپىي (ئالىي تېخنىكوم)نىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش  تۈركۈمىدىكى يەككە تۈرى، ئۈچ مەكتەپ ئالىي كەسپىي تۈركۈمىنىڭ يەككە تۈرى پىلانى بويىچە ئارخىپ يوللىنىدىكەن ۋە  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە  ئاساسەن، ھەر كۈنى سائەت 20:00دە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى» ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش  نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

    ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا ـ ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولسا، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ. «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»نىڭ تور ئادرېسى:  http://www.xjzk.gov.cn «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى