بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاھالىلەر يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 10 يىلغا يەتسە ئالماشتۇرۇشى كېرەك

     مۇخبىرىمىز يىن گۇيفاڭ خەۋەر قىلىدۇ:  8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى،  نەشپۈت شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ خانىم شىنجاڭ نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى دېيىلىدۇ) شىنخۇا يولى خېرىدارلار مۇلازىمىتى تىجارەت زالىغا كېلىپ تەبىئىي گاز سېتىۋالغاندا، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېقىلغۇ گاز سائىتىنىڭ ئىشلىتىلگىنىگە 10 يىل توشقانلىقىنى، يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنى ۋاڭ خانىم چۈشەنمىدى: نېمە ئۈچۈن يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرىمىز ؟ ئىككى خىل يېقىلغۇ گاز سائىتىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

    نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن گاز سائىتىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ. كونا – يېڭى يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى گاز سائىتىنىڭ گاز ئىشلىتىش مىقدارى ئۇچۇرىغا تەسىر يەتمەيدۇ.  يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتى سائەتنىڭ قوراشتۇرۇلغان ۋاقتىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتچى خادىملار ئابونتچىلارنىڭ ئۇچۇر تېلېفونى بويىچە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىپ قويىدۇ، ئالماشتۇرسا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. يېقىلغۇ گاز سائىتىنى مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەندە، گاز چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.

    نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى يولغا قويغان شىركەت تورى يېقىلغۇ گاز سائىتى ئەنئەنىۋى ھەق تاپشۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر ۋاقىت ھەق تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يىراق مۇساپىلىك رېئال ۋاقىتلىق جەدۋەل كۆچۈرۈش، توردا كۆزىتىش، يىراق مۇساپىلىك ۋىكليۇچاتېل كىلاپانى ئېچىش – ئېتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە، ئابۇنىچىلار پەقەت «نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ، مۇناسىپ يىقىلغۇ گاز ھېسابات نومۇرىنى باغلاپ، ئاستىدىكى «ئاپتوماتىك مۇلازىمەت» تىزىملىكىگە ئاساسەن، مۇناسىپ ھەقلەرنى سۈرۈشتۈرسە ۋە تاپشۇرسا بولىدۇ.

    ئاھالىلەر يېقىلغۇ گاز سائىتىنى 10 يىل ئىشلىتىپ ئالماشتۇرمىغان بولسا، نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى شنخۇا يولى مۇلازىمەت تىجارەت زالىغا بېرىپ يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە ياكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 2014002 ۋە 2014643 غا تېلېفون قىلىپ يېقىلغۇ گاز سائىتى ئالماشتۇرۇشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.

    شىرىنئاي رېھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى