بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئوبلاستىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 840 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو ـ   تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019 – يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (8 – ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە) ئوبلاستىمىز 842 مىڭ 300 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىپ، ئۆزگەرمەس نىسبەت بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.76 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 715 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.02 ئاشقان. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئوبلاستىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولغان.

    8 – ئاينىڭ 11 -كۈنى، باغراش ناھىيەسى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ شىخەي كارىدورىدا تەييارلانغان مېززىلىك تائاملار نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. شىخەنزىدىن كەلگەن جۇ ئەپەندى ئېسىل تائاملارنى تېتىپ باققاچ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ دەم ئېلىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ بايىنغولىن ئوبلاستىغا كەلدۇق، باغراش داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا مېززىلىك يېمەك – ئىچمەكلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي يەنە، سۇ  ئۈزگىلى بولىدىكەن، دەپ ئاڭلاپ كەلدۇق. داخېكوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە مېززىلىك تائاملارنى تېتىغىلىمۇ بولىدىكەن، ساياھەت ئازادىلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

    گەرچە دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئوتتۇراھال يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، لېكىن بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ھاۋارايى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى شۇنداقلا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا مۇقىم ئاشتى. بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يۈمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر 28 مىڭ 376 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %117.8 ئاشقان. ساياھەتچىلەر تارقاق ساياھەتچىلەر ۋە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر%36.25 نى، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر %75. 63نى ئىگىلەيدۇ.

    دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چاقىلىق ناھىيەسى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە، ساياھەتچىلىك بويىچە كۈتۈۋېلىنغانلار 5654 ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %10.10 ئاشتى؛ ئومۇمىي كىرىم 578 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.47 ئاشتى. لوپنۇر ناھىيەسىدە جەمئىي 46 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىندى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 7 مىليون 930 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %8 ۋە %30.64 ئاشتى.خوشۇت ناھىيەسىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 19 مىڭ 115 ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمى 3 مىليون 90 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %76.8 ۋە %81.2 ئاشتى.

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

   (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى