بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىي» ۋاڭ چېڭباڭنىڭ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىكى يۈرەك سۆزلىرى

    «مەن ئارمىيە ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلايمەن»

    مۇخبىرىمىز ۋۇ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ياشىنىپ قالغىنىمدا بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلىنىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.»7  –ئاينىڭ 30 – كۈنى، «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىي» ۋاڭ چېڭباڭ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ  كەلدى. ئۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ بېيجىڭدىكى تەسىراتلىرىنى دوستلىرىغا زوق –ئىشتىياق بىلەن سۆزلەپ بەردى.

    7 –ئاينىڭ 26 –كۈنى، مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 83 ياشلىق ۋاڭ چېڭباڭ  ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى سۈپىتىدە  بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىي» بولۇپ تەقدىرلەندى.

    «بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات بولدى.» دېدى ۋاڭ چېڭباڭ، پارتىيە ئۇنىڭغا  بۇ ئالىي شەرەپنى بەرگەچكە، ئۇ ئىلگىرى  تارتقان جاپا – مۇشەققەت ھېچنىمە ئەمەس دەپ قارىدى.

    «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايمەن»

    1936 –يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى چىليەنشەن تاغ ئېتىكى مىنلې ناھىيەسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە توغۇلغان ۋاڭ چېڭباڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئانىسىغا ئەگىشىپ، تەرەپ –تەرەپكە چېپىپ تىلەمچىلىك قىلىپ، ئۇچىسىغا تۈزۈكرەك كىيىم كىيەلمەي، قورسىقىغا تويغىچە تاماق يېيەلمەي، كۈنىنى جاپا – مۇشەقەتتە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۈگۈنگە قەدەر، ۋاڭ چېڭباڭ  1949-يىلى 9 –ئاينىڭ 17 –كۈنىنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. شۇ كۈنى، ئۇ چوڭلاردىن «مىنلې ناھىيەسى ئازاد بولدى. كومپارتىيە بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگەننى ئاڭلىغان ئىدى.

    « 1956-يىلى، مەن پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولدۇم. شۇ يىلى شەرەپلىك ھالدا پارتىيەگە كىردىم.» ۋاڭ چېڭباڭ ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەرگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشنـى قارار قىلغان ئىدى.

    ئۇ ھەربىي قىسىمدا، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقمىدى، ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ئوفىتسېر –ئەسكەرلەر ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلارنى  يېتەكلەپ، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئەتراپىغا 100مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، تۇرۇشلۇق ئورۇننى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە كۆكەرتىشتىكى ئىلغار ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

ۋاڭ چېڭباڭنىڭ شانلىق ھەربىي كەچۈرمىشلىرى بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم شەرەپ بىلەن خىزمەت كۆرسەتتى. «بەشتە ياخشى جەڭچى»، «لېي فېڭچە كادىر» قاتارلىق شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئىلگىرى تيەنئەنمېن راۋىقىنى قوغداپ دۆلەت بايرىمى مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋەكىلى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    پېنسىيەگە چىققان  30يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ۋاڭ چېڭباڭ ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسىدىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش نەمۇنىچىسى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسىغا ئايلاندى. ئۇ كورلىدا مىليون تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكتى. ئۇنىڭ تىككىنى يالغۇز كۆچەتلا ئەمەس، بەلكى «كۆچەت تىكىش» روھى ئىدى.

    جاڭ فۇچىڭ، ۋاڭ چېڭباڭ قاتارلىق چاچلىرى ئاقارغان بەش نەپەر «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىي» مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىغـا قاتناشتـى، ئۇلار 1 – رەتكە  ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. مۇشۇ دەقىقىلەردە، ۋاڭ چېڭباڭنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا ئېقىۋاتقان بىر خىل ئىللىقلىق ئۇنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.

    «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن» دېدى ۋاڭ چېڭباڭ ھاياجانلانغان ھالدا، مەن ئىلگىرىكى  كونا جەمئىيەتتە تىلەمچىلىك قىلىپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان  بالىدىن بىر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسىگە ئايلاندىم، جەڭچىدىن ئوفىتسېرغا ئايلاندىم، پارتىيە مېنى تەربىيەلەپ ئۆستۈردى. مەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىمەن.

    كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بىر ئۆمۈر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

    ئايرودورۇمدىن قايتىپ كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭغاندا، ۋاڭ چېڭباڭ دەريا قىرغىقىدىكى بۈك –باراقسان ئۆسكەن «چېڭباڭ سۆگەتلىرى»دىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. ۋاڭ چېڭباڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ياپيېشىل سۆگەتلەرنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ. سۆگەتلەرنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆستۈرگەن، ھازىر 12- ئەۋلادقىچە ئۆستۈرۈلدى، ئۇمۇمىي سانى 10مىڭ تۈپتىن ئاشىدۇ. كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇلارغا «چېڭباڭ سۆگەتلىرى» دەپ نام  بەردى.

    «1988-يىلى  ھەربىي قىسىمدىن پېنسىيەگە چىققىنىمدا، مەن كۆنچى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆچەت تىكتىم.1993 – يىلى، مەن تارىم نېفىت چارلاش – ئېچىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بازىسىغا بېرىپ مەجبۇرىيەت كۆكەرتىش ئىشچىسى بولدۇم. كۆنچى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا سەككىز يىل كۆچەت تىككەندىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك باغ – ئورمان كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى باشلىۋەتتىم.»

    كۆچەت تىكىش جەھەتتە ۋاڭ چېڭباڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل روھ تارىم نېفىت چارلاش – ئېچىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بازىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولغان ئىدى. ئۇ ئون نەچچە كۆلچەك لايىھەلەش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، پەلەمپەيسىمان سۇ چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىنى بازا ھويلىسىغا باشلاپ، كۆكەرتىشتە شەھەر بىلەن سۇ تالاشماسلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. مۇشۇ بىر تۈردىلا ئۇ بازىغا 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تېجەپ بەردى.

    «بۇ قىلغانلىرىم ھېچقانچە ئىش ئەمەس.» دېدى ۋاڭ چېڭباڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەقدىرلەنگەن جاڭ فۇچىڭ ھايات –ماماتلىققا قارىماي، شەخسىيەتسىز روھ بىلەن  60يىلدىن بۇيان تۆھپە ياراتقان ئىدى؛ جۇ زەيباۋ ئۈن – تىنسىز ھالدا 40يىل ياخشى ئىش قىلغان ئىدى… ئۇلار ئەسلىي خىسلىتىنى ئۇنتۇماي، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسـلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بىر ئۆمۈر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ۋاڭ چېڭباڭ ھەممىسىنى  ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ھېسابلايتتى.

    يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەككە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق

    بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ چېڭباڭ ئۇچىسىغا كېيىۋالغان قېنىق كۆك رەڭلىك جۇڭشەن فورمىسىنى كىيىم ئىشكاپىغا ئېسىپ قويۇپ، ئادەتتە كېيىدىغان سارغىيىپ كەتكەن كونا پاسوندىكى ھەربىي فورمىسىنى كېيىۋالدى. ۋاڭ چېڭباڭ بىلەن تونۇشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ئىنتايىن تېجەشلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇچىسىغا كونا پاسوندىكى ھەربىي فورما  كىيىۋالىدىغانلىقىنى، كۆچەتلىك بازىسىدا ئىشلىگەندە چۈشلۈك تامىقىغا پەقەت ئىككى موما ۋە بىر ئىستاكان سۇ ئېلىۋالدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ؟

    «پۇلنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا ئىشلىتىش كېرەك.» ۋاڭ چېڭباڭنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ پېنسىيە پۇلىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن بولۇپ، پۇلنى تېجەپ خەجلىشى كېرەك. يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەككە بەك ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا  كۆپرەك ياردەم بېرىش كېرەك.

1969- يىلى ۋاڭ چېڭباڭ ئۆزىنىڭ يىغقان 3000يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ياردەم بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن تاڭشەندىكى يەر تەۋرەش، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش قاتارلىق زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ كورلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىسىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى، ئىئانە قىلغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى.

«مەن تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، كۆپرەك كۆچەت تىكىپ، ئۇلارنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، كۆچەتلەرنى ياخشى باشقۇرىمەن.» پارتىيەگە كىرىشى قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى قەلبىگە پۈككەن ۋاڭ چېڭباڭ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، كۆكەرتىش ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، خىسلىتىمنى ئۆزگەرتمەيمەن. ئاراممۇ ئالمايمەن. مەن ھەربىي قىسىم ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمەن.

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى