بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «يېشىل گىگانت» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز كورلىدا رەسمىي قاتناش باشلايدۇ

    8-ئاينىڭ 1-كۈنى، سائەت 16 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، «يېشىل گىگانت» فۇشىڭ ناملىق يېپيېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز كورلا ۋوگزالىغا ئاستا – ئاستا كىرىپ كەلدى، بۇ فۇشىڭ ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئوبلاستىمىزغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئۇ قاتناشقا رەسمىي كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ ئوبلاستىمىز تۆمۈر يول يولۇچىلار تىرانسپورت پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    سائەت 16 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، «يېشىل گىگانت» فۇشىڭ ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يېپيېڭى پويىز كورلا ۋوگزالىغا ئاستا – ئاستا كىرىپ كەلدى، بۇ فۇشىڭ ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئوبلاستىمىزغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئۇ قاتناشقا رەسمىي كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ ئوبلاستىمىز تۆمۈر يول يولۇچىلار تىرانخبىرىمىز جىڭ لىجۈن، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ۋاڭنىڭ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 -ئاينىڭ 1 -كۈنى، سپورت پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    «فۇشىڭ» ناملىق بۇ پويىز يېشىل رەڭدە بېزەلگەن بولغاچقا، «يېشىل گىگانت» دەپ ئاتالغان. ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇن،ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن، تاماقخانا قاتارلىق توققۇز ۋاگوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 720 يولۇچىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ. بۇ تىپتىكى پويىز دىنامىكىلىق تارقاقلاشتۇرۇلغان پويىز گۇرۇپپىسى ۋە 25T تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن پايدىلىنىپ ئەلالاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، پويىز باش – ئاخىرىدا بىردىن پاراۋوز بار. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئېنېرگىيە پاراۋوزى، يەنە بىر تەرىپى كونترول پاراۋوزى بولۇپ ئىككىلا تەرىپىدىن ھەيدىگىلى بولىدۇ، «يېشىل گىگانت»نىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، پويىز گەۋدىسى سۇيۇر شەكىللىك بولۇپ، ئىچكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بار دىۋىگاتىللىق پويىز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ.

    شۇ كۈنى مۇخبىر «يېشىل گىگانت» يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىغا چىقتى. يېپيېڭى پويىز ۋاگونى ئازادە، يورۇق ئىدى. چىراغ ئاستىغا قاتار – قاتار كۆك رەڭلىك ئورۇندۇقلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنگۈچىنى تەڭشىگىلى بولاتتى، ھەمدە توك مەنبەسى ۋە USB قىستۇرۇش ئېغىزى سەپلەنگەن، ھەربىر ئورۇندۇققا كىچىك ئۈستەل تاختىسى قويۇلغان بولۇپ، يولۇچىلارغا يېنىك نەرسىلەرنى قويۇش ۋە تاماق يېيىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن، يۇيۇش – چايقاش رايونىمۇ تېخىمۇ ياخشى لايىھەلەنگەن، ۋاگون ئىچىدە يەنە مېيىپلار مەخسۇس ئورنى ۋە توسالغۇسىز تازىلىق ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ ئازادە مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلىنغان.

    كورلا پويىز ئۇچاستىكىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېشىل گىگانت» يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، كورلا پويىز ۋوگزالى خادىملارنى ئۈرۈمچى، قومۇل ۋوگزالىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى تەشكىللەش، قونۇش مۇلازىمىتى، بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلىدى ھەمدە كۆپ قېتىم جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى قائىدە – يوسۇن مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاھىدە  مۇلازىمەت ئارقىلىق «يېشىل گىگانت» يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىنى كۈتۈۋالدى.

    شىرىنئاي رېھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى