بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2019» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

    

    8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىنجاڭ كورلىدا «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2019» بويىچە تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.                   مۇخبىرىمىز چېن جيەنفېي فوتوسى

    مۇخبىرىمىز جياڭ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىنجاڭ كورلىدا «خەلقئارا ھەربىي ئىشلارمۇسابىقىسى ــ 2019» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭ زېڭلۇڭ شاۋجياڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، مىسىر، ئىران، قازاقىستان، پاكىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ۋېنېسـۇئېـلا، ۋىيېتنام،

    زىمبابۋې ۋە جۇڭگونىڭ 12 ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ قوماندانى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا جۇڭگو ۋە چەت ئەل ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    داڭ زېڭلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىنجاڭ كورلىدا «سۇۋوروۋ» پىيادە ئەسكەرلەر ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى، «ئوچۇق ھاۋا» ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسمېنا گۇرۇپپىسى، «بىخەتەر مۇھىت» يادرو بىيوخىمىيەلىك رازۋېدكا گۇرۇپپىسى ۋە «ھەربىي قورال – ياراغ ماھىرى» قورال – ياراغ رېمونت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كوماندىلار يەتتە تۈر بويىچە چەت ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئىككى تۈر بويىچە مۇسابىقە كۆرىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئۇدا ئالتە يىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشى، ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئادىل، ھەقىقىي بولۇش، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قىزغىن مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن پائال تەمىنلەپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئېسىل، ئۇنتۇلغۇسىز ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى «سۇۋوروۋ» مۇسابىقە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە تۆت تۈر بويىچە 14 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇسابىقە 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە كورلا تەنتەربىيە باغچىسىدا ئاياقلىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۆزگىچە، رەڭدار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، جابدۇق كۆرگەزمىسى، بىرلەشمە دوستلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كوماندىسىدىكى ماھىرلارۋە مۇسابىقە جابدۇقلىرى كورلا مۇسابىقە رايونىغا كىرىپ، مەشىق ۋە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. تۈرلۈك كاپالەت ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتى، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملاندى.

    ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا ھەربىي ئىشلارمۇسابىقىسىنىڭ نۇرغۇن روشەن ئالاھىدىلىكلىرى بار: مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ تەسىرى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇ يىل جۇڭگوغا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان 11 دۆلەتتىن 20 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇ بۇلتۇرقى 9 دۆلەتنىڭ 14 كوماندىسىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ھىندىستان، ياپونىيە، موڭغۇلىيە، سېربىيەدىن ئىبارەت 4 دۆلەت مۇسابىقىگە قاتناشتى؛ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، مۇسابىقىنىڭ تەشكىلىي قائىدىسى، ھۆكۈم – كېسىم قائىدىسى، مۇسابىقە قائىدىسى، چەك تارتىش قائىدىسى قاتارلىق بىر قاتار ئۆلچەم ۋە نىزامنامە كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، مۇسابىقىنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى ؛ كاپالەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، بۇ يىل ياتاق گازارما رايونى كېڭەيتىلىپ، ئاشكارا كونترول قىلىش، ئاڭلىتىش يېتەكچىسى، كېسىم – باھالاش، نىشان سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش ھۆكۈم – كېسىم، تەرجىمە، چۈشەندۈرۈش، ئامانلىق ساقلاش، ۋەزىپە كاپالىتى قوشۇنى تەربىيەلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇسابىقە رايونىدا 4G تورىنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يۇغۇرۇلما مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش، تور سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق كاپالەت خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، ھەربىي يازلىق لاگېر ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ئىشلا مۇسابىقە ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا مەكتەپلەر ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىگە تەشكىللەندى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل تەشكىللىك مۇسابىقە كۆرىدىغان ئامما 30 مىڭغا، مۇسابىقە كۆرىدىغان ئادەم سانى 100 مىڭغا يېتىدىكەن. ئاخىرىدا، ھەرقايسى مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللەر كوماندىلىرىنىڭ كوماندىرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىغا ئۆز دۆلىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش، تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.    

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى