بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز ئىككىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىيلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئوبلاستىمىز7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىيلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى،بايىنغولىن شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىدىكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گوۋېن، 63650 – قىسىمنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى لۇ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۇگجەجاپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شى جيەنيۇڭ، جيا چۈنلىن، جۈ ۋېي، مو ۋېيگاڭ، فەن چېڭخۇا، چۇ فۇلۇڭ، لى شىنمىن، جېڭ يۇڭچياڭ، سۈي جىنسۇڭ، قۇربانجان قۇتلۇق، ئەنۋەر ئابلا، ئۇيىنسەن، ئەن فېڭ، جاڭ شۇشىن، داڭ فېڭ، تيەن فېڭ، دۇڭ بىن يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. يىغىندا «بايىنغولىن ئوبلاستىدا تۇرۇشلۇق گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان قىسىملار، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر ۋە ياخشى ھەربىي يەڭگىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار»، «بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىيلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.      ئوبلاست رەھبەرلىرى ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق  تەقدىرلەنگەن قىسىملار ۋە نەمۇنىلىك شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى. تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر  پىكىر ئالماشتۇردى.

    لى گاڭ ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق تەقدىرلەنگەن قىسىملار ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئارمىيەدىن قايتقان، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

    لى گاڭ ئوبلاستىمىزنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق تەقدىرلەنگەن قىسىملار ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى شان – شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا،يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن يەرلىك شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    بىرىنچى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بىرىكمە كۈچىدە، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ قۇرۇشتا، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، دىققەتنى يېڭى   دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى پىلانلاش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئىسلاھات، قۇرۇلۇش ئومۇمىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىـڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تىنچ، تەرتىپلىك، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، ئاممىۋى خىزمەتكە تايىنىپ، ئىككىنى ھىمايە   قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش  كېرەك. خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھايات – ماماتتا بىللە بولۇش مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە شەھەر – يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدا، ھەممە ئائىلىلەردە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك.

    بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئوبلاستىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس سېلىش كېرەك.

    ئالتىنچى، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەشكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەر قىسىملارنى تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، خىزمەت تەلىپىگە يېقىنلىشىپ، ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    يەتتىنچى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۇغۇرۇش، يېڭىلاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى باسقۇچلۇق يۇغۇرۇشتىن پۈتكۈل جەرياننى يۇغۇرۇشقا، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمىتىنى ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتكە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    سەككىزىنچى، قىسىمنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە «سەددىچىن سېپىلىنى مۇستەھكەملەش، ئارمىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىكى ئەمەلىي ئىش قاتارىدا بېجىرىش كېرەك.

    توققۇزىنچى، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق ۋە سىياسىي خاراكتېرلىك خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، 2 – شى باشئەگىم شەھىرىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى، ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ رەھبەرلىرى، ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئوبلاستىمىزدا تۇرۇشلۇق گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، تەقدىرلەنگەن قىسىملار، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىيلەر ۋە ياخشى ھەربىي يەڭگىلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى