بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق پارتكوم 10 – نۆۋەتلىك 7 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى   لى گاڭ سۆز قىلدى

    7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

    7ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.

سۈرەتتە: يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.   سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ تارتقان

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى  بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ،  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 ـ نۆۋەتلىك 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ،  ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

    ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئوبلاستلىق   پارتكومنىڭ   شۇجىسى   لى گاڭ سۆز قىلدى.

    ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن تۈگجەجاپ، شى جيەنيۇڭ، جيا چۈنلىن، جۈ ۋېي، مو ۋېيگاڭ، فەن چېڭخۇا، چۇ فۇلۇڭ، سۈي جىنسۇڭ، قۇربانجان قۇتلۇق، ئەنۋەر ئابلا، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ئەن فېڭ، جاڭ شۇشىن، داڭ فېڭ، تيەن فېڭ، سېرگىلىڭ، دۇڭ بىن يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئومۇمىي يىغىندا لى گاڭنىڭ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىشى ۋە ئۆستۈرۈشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەم نەزەرىيە ئاساسى، ھەم ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلىشى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ تۈپ مىـزانى ۋە ھـەرىكەت قىبلىنەماسى.

    ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئېتىقادنى تونۇپ يېتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسىنى توغرا ئىگىلەپ، نىشان ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئەمەلىيەت يولىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بېسىم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ساختىلىق قىلماي، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ماھىيەتلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك بىر پۈتۈن نامراتلىق ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، تەخىرسىزلىك ئېڭى، خىزمەت ئىستىلى، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىشى كېرەك. ئىدىيە بىلەن قوراللىنىشنى باشتىن – ئاخىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى باشتىن – ئاخىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، «كەشتە تىكىش» ئىشىغا ئوخشاش ئەستايىدىل، تولۇق كۈچ سەرپ قىلىپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا چېكىندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ  ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «مىخ قېقىش» روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى باشتىن – ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىـك قىلىـش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تولۇق غەلىبىگە ئېرىشمىگۈچە قەتئىي بولدى قىلماسلىقتەك قەتئىي ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈپ نۆللەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي تۇتۇشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك بىر پۈتۈن نامراتلىق مەسىلىسى، قىستۇرما شەكىلدىكى نامراتلىق مەسىلىسى، نامرات رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە ۋە تىرىكچىلىك مەسىلىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇش مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېشىپ قالغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشـقا كاپالـەتلىك قىـلىش كېرەك.

    بىرىنچى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزۇشتا بايقالغان كونكرېت مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، كەنت، ئائىلىلىك، تۈر بويىچە ھېسابات ئۆچۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش كېرەك.

    ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا  تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «دەل جايىدا بولۇش»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش» ۋە «توققۇزنى ئېنىقلاش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، سىياسەت چېكى ۋە تەتبىقلاش دائىرىسىنى توغرا ئىگىلەپ ، تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى دەل جايىدا ئورنىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى گۈللەنمە ۋاسىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىنى، يېزىلارنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىياسەتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسەتتىن پائال پايدىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلەرنى پىلانلاپ، تۈرلەرنى تاللاپ، تۈرلۈك مەبلەغلەرنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تۈرىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك؛ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلىك، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت قىلىشنى بىلىدىغان يېڭىچە دېھقانلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

    ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى كۈچەپ مۇجەسسەملەش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ ھەمكارلىقى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ رەھبەرلىك ئالاقە مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، نۇقتا بەلگىلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىجتىمائىي نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ھەممە ئادەم ياردەم قىلىدىغان، كۆپچىلىك يۆلەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى پائال ياخشىلاپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامرات ئاممىنى كونا قائىدە، ناچـار ئادەتـلەرنى ئۆزگەرتـىپ، مەدەنىي، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشقا، جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېـتىشـكە يېـتەكـلـەش كـېرەك. خەلقنى سۆيۈش» دېگەن شوئار ئەمەس، بەلكى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ سەمىمىي ۋەدىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بايىنغولىن ئوبلاستى خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ.

    لى گاڭ مۇنداق دېدى: قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ بوشاشمايدىغان ئىنتىلىشى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يەرلىكنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پائال چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز ۋە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋىسىنى ھەم گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بىز تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ، پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

تيەن فۇپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش كاپالىتى جەھەتتە خالس ياردەم بەردى، مەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز چوقۇم بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىنى تىرىشىپ ئۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەتكە، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى پائال قوللاشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرىمىز.

    ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن قاسىم، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۆبە ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى چۇ فۇلۇڭ، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇرنا، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ لىڭ قاتارلىقلار ھال سوراش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى