بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ «دەۋر يېڭىلىرىنىڭ بايانى ــ مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم» بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ «ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى» باش تېمىسىدىكى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلايلى

ئوبلاستىمىزنىڭ «دەۋر يېڭىلىرىنىڭ بايانى ــ مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم» بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ «ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى» باش تېمىسىدىكى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلايلى

    7- ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «دەۋر يېڭىلىرىنىڭ بايانى ـــ مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم» بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ «ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى» باش تېمىسىدىكى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: خېجىڭ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ماھىرى بۇلغۇن ۋە جاڭ چاۋ نۇتۇق سۆزلىمەكتە.                  مۇخبىرىمىز لى لىڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز لى لىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ۋېن چىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «دەۋر يېڭىلىرىنىڭ بايانى _ مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم» بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ «ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى» باش تېمىسىدىكى مۇسابىقىسى ئوبلاستلىق پارتكوم ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ 6 – قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدىن كەلگەن 18 ماھىر «ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى»نى چۆرىدەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي تىل، جانلىق سۆزلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي ئىش ئورنىدا ئىسلاھاتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    خېجىڭ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى بۇلغۇن، جاڭ چاۋلار ئىدارە كادىرلىرىنىڭ باج ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە يۈز بەرگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى؛ يەنجى ناھىيەسىدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىسى لى جۈەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يەنجى ناھىيەسىنىڭ «مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى؛ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چاقىلىق بازىرى كادىرى مېڭ شياڭپېڭ نۇتۇق سۆزلىگەندە تاماشىبىنلارغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەردە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەپ بەردى. مۇسابىقە مەيدانىدا ماھىرلار سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ ئاساسىي تېمىسى گەۋدىلىك، قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    مېڭ شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەھەر ـ يېزا قىياپىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىگە شاھىد بولدۇم، بۈگۈنكى نۇتۇق ئارقىلىق بۇ مەزمۇنلارنى ئوبلاستىمىزدىكى ئاممىغا نامايان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار نەق مەيداندا نومۇر قويۇش ئارقىلىق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىرنى،  ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئىككىنى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچنى، مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن ئىككىنى باھالاپ چىقتى.

ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى