بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو (شىنجاڭ ) نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى ۋە «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى ئوبلاستىمىزدىكى 20 كارخانا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى

جۇڭگو (شىنجاڭ ) نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى ۋە «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى

ئوبلاستىمىزدىكى 20 كارخانا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە، سودا مىنىستىرلىقى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سودا نازارىتى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو (شىنجاڭ) نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    ئوبلاستىمىز 20 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى  ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى تەشكىللەپ، ئالاھىدە   مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ يىغىنغا   قاتناشتى. ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چاڭشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئوبلاستىمىز ئېلىپ بارغان ئالاھىدە مەھسۇلاتلارغا بارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلىتىلگەن. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پاختىسى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، بۇ قېتىم بايىنغولىن ئوبلاستى خېڭشىن پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ باردى، باغراش ناھىيەسىنىڭ  ئالاھىدە سۇ مەھسۇلاتى نېلۇپەر گۈلى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى، قومۇش يىلتىزى چېيى، نېلۇپەر ئۇرۇقى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە سەھنىسىگە ھۆسۈن قوشتى. شىنجاڭ يەرلىك بۇيۇملار ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جېڭ باۋخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سودىگەرلەرگە قۇملۇق چېتىدىكى باغراش كۆلىنىڭ نېلۇپەر مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇلار مەخسۇس خېشياڭبېييۈەن باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدىن ئەڭ يېڭى نېلۇپەر يوپۇرمىقى، نېلۇپەر غۇنچىسىنى ئېلىپ بارغان.

    بۇ قېتىم ئوبلاستىمىز يەنە چىلان، سۈت مەھسۇلاتلىرى، تىيانشان گۈرۈچى قاتارلىق نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ باردى، كۆرگەزمە سۇپىسى كۆركەم تۈسكە كىرگەن بولۇپ، خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە ۋە «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتىدە،توردا سېتىش بىلەن تور سىرتىدا سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن قېزىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىسى يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇنغان. پائالىيەتتە، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقىغا ئەزا ئورۇنلار، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت سودىگەرلىرى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر يەرگە توپلاشقا، ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

ئامانگۈل رۇزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى