بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2019»نىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملاندى تۇنجى چەت ئەل ئارمىيەسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسى كورلا مۇسابىقە رايونىغا كىردى

جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2019»نىڭ

تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملاندى

تۇنجى چەت ئەل ئارمىيەسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسى كورلا مۇسابىقە رايونىغا كىردى

    7- ئاينىڭ 21 – كۈنى، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2019 » كورلا مۇسابىقە رايونىدا، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋيېتنامنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسى ئۈچۈن لاگېرغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.                                                     

    مۇخبىرىمىز چېن جيەنفېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لو شىڭـساڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپئاق خادا تاقاپ، ئېسىل ھاراق ئىچىش… 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋېـيتنام مۇسابىقـە كـوماندىسـىـدىكى 20 كىـشى ئايروپىلانغا ئـولتۇرۇپ، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2019 » كورلا مۇسابىقە رايونىغا يېتىپ كېلىپ، تۇنجى بولۇپ مۇسابىقە رايونىغا كىرگەن چەت ئەل ئارمىيەسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەنتەنىلىك ھالدا گازارمىغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ۋيېتنام مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    گازارمىغا كىرىش مۇراسىمىدا، كورلا مەشىق بازىسىدىكى لى فۇ داشياۋ جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە بازىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە ۋاكالىتەن، موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى بويىچە، ۋيېتنام مۇسابىقە كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسىگە ئاپئاق خادا ۋە ئېسىل ھاراق تەقدىم قىلىپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ھەمدە «قارا بېلىق پىشۇرۇپ، ئېسىل ھاراق ئىچىپ، يىراقتىن كەلگەن ياخشى دوستلارنى كۈتۈۋېلىش» دېگەن ۋېيتنام ماقال ـ تەمسىللىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چەت ئەلدىن كەلگەن ھەرقايسى ئارمىيەلەر بىلەن تونۇشقانلىقىدىن خۇشال بولدى. مۇراسىمدا ۋيېتنامنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە قارشى ئېلىش سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەمدە ۋيېتنام كوماندىسدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالارغا خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقە ئىزنىكى تەقدىم قىلىندى شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا ھـەربىي ئىـشلار مۇسابىقىسـىدە ئـەلا نـەتىـجىـگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كورلىدا «سۇۋولوف» ناملىق جەڭ ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى، «ئوچۇق ھاۋا» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سنارەد گۇرۇپپىسى، «قورال – ياراغ ماھىرى» ناملىق قورال – ياراغ رېمونت قىلىش ۋە «بىخەتەر مۇھىت» يادرو بىئوخىمىيىلىك رازۋېدكا گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۆت تۈربويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىكەن، مۇسابىقىگە ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن 12 دۆلەت، 25 كوماندا قاتنىشىدىكەن. ۋيېتنامنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندىسى «بىخەتەر مۇھىت» يادرو بىئوخىمىيىلىك رازۋېدكا گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەشەببۇس قىلغان خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى بولۇپ، 2013 – يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. 2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كورلىدا بىر قىسىم مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇدا ئىككى نۆۋەت خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

    نۆۋەتتە، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2019»نىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملاندى.

    ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى