بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئوبلاستىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئورمانچىلىق، ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئوبلاستىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئورمانچىلىق، ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شۇمىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى باشلاپ ئوبلاستىمىزنىڭ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئېگىز تاغ ئوتلىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى شۇمىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، بولۇپمۇ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ۋە سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جياڭ شياۋلۇڭ، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگىلىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىـق قىلىـشتا بىـللە بولدى.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ لوپنۇر ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شويۇلتۇز يايلىقى، كۈنەس دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىنى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى چارلاپ قوغداش، ئېگىز تاغ ئوتلىقىنى باشقۇرۇپ قوغداش، يايلىق سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. لى شۇمىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە ئېرىشكەن ئۈنۈملىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك پۈتۈن قۇرۇلۇش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل ۋە ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەش، بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتۇرۇلغان ئوتلاق تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىلىرى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئورگان ئىسلاھاتىدىن كېيىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق، ئوتلاق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمانچىلىق، ئوتلاق خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستىمىز دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئورمانچىلىق، ئورتلاق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك پايدىلىق پۇرسەتلەرنى تولۇق ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئورمانچىلىق، ئوتلاقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى تاماملاپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاق خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز!   

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى