بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، ئوبلاستىمىز سانائەت ئىقتىسادىدا مۇقىم ياخشىلىنىش بولدى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، ئوبلاستىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى. مۇخبىرنىڭ 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئوبلاستلىق سانائەت ۋە   ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن   ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ئوبلاستىمىز سانائەت ئىقتىسادى ئىشلىرى مۇقىم  بولۇپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

    ئوبلاستىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىم ئاشقان. 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائىتىدە (يىللىق ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليون يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى، 2 ـ شىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 15 مىليارد 258 مىليون يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.8 پىرسەنت پوئىنت تېزلىشىپ، ياخشى باشلىنىش قولغا كەلتۈرۈلگەن.

    ئۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېز ئاشقان. 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، نېفىت سانائىتىدە 10 مىليارد 529 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4. 8 پىرسەنت پوئىنت تېزلەشكەن. تەبىئىي گاز مىقدارى 9 مىليارد 697 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8. 6 پىرسەنت پوئىنت تېزلەشكەن. خام نېفىت مىقدارى 1 مىليون 944 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6. 7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 . 4 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

    غەيرىي نېفىت سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشقان. 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە،  غەيرىي نېفىت سانائىتىدە 4 مىليارد 728 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت  ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تېزلەشكەن. قېزىش قوشۇمچە كەسپى، كـۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇش ـ تاللاش كەسپى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، خىمىيەلىك خام ماتېرىيال ۋە خىمىيە بۇيۇملىرىنى ياساش كەسپى، كاۋچۇك ۋە سۇلياۋ بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ غەيرىي نېفىت سانائىتىگە قارىتا  تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولغان.

    ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، يەرلىك كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار 290 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان، كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولغان، ماي بىلەن تەمىنلەش مۇقىم بولغان، تۆمۈريول تىرانسپورت كۈچى يېتەرلىك بولغان. بۇنىڭدىن كېيىن، ئوبلاستىمىز سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت مىقياسىدا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ساقلانما ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرىدۇ. تۈر مۇلازىمىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتى، كۆچمە مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇش، ئەمگەكچى ئىشلىتىش، تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ. خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى  پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ   تۇتىدۇ. توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، نېفىت، نېفىت ـ خېمىيە سانائىتى، ساياھەت مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، يىپەك يولى كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن سودىگەر چاقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. تۈرلەرنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىشتا يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭى  ـ كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئالمىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى