بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 2019 – يىللىق جۇڭگو . لاڭفاڭ خەلقئارا ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى ئاخىرلاشتى

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى 6 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق چوڭ كېلىشىم ئىمزالىدى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى فېيفېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، 2019 ـ يىللىق جۇڭگو . لاڭفاڭ خەلقئارا ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى دېيىلىدۇ) ئاخىرلاشقان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى (مۇددىئانامىسى)دىن 15 نى ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 6 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغدىن پايدىلىنىشقا كېلىشكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق باشچىلىقىدىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئوبلاستنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، (باغچا رايونى) نىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان، يەرمەنكىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى پۇرسەت» باش تېما قىلىنىپ، بوشلۇق ئىقتىسادى تەرەققىيات مۇنبىرى، تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى، ناھىيەنىڭ ئۆزگىچە كەسىپ مۇنبىرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش – ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ساياھەت تۈرلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش سەمىمىي سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن.

    يەرمەنكە مەزگىلىدە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرى، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆرگەزمە ئورنىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەرگە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قېزىلما بايلىق، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى سودىگەرلەرنى يەرمەنكىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، بولۇپمۇ ئوبلاستىمىزنىڭ كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، قاشتېشى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ۋەكىللىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى، جابدۇق ياساش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ساياھىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، چوڭ تىپتىكى سودا بازارلىرى، ۋاكالەتچى سودىگەرلەر، زاكاز سودىگەرلىرىدىن 24 كارخانا بىلەن نەق مەيداندا چوڭقۇر ئۇچرىشىپ ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. مۇددىئا بويىچە مەبلەغ سېلىش سۆھبىتىدە 200 دىن ئارتۇق ئاپپارات ۋە كارخانا (سودىگەر) بىلەن كېڭىشىلىپ، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى (مۇددىئانامىسى)دىن 15 ى ئىمزالاندى، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى 6 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئىمزالاندى.

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى