بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، رايون كەسىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ گوچياڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاپتونوم ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن تۈگجەجاپ، ئەركىن قاسىم، سۈي جىنسۇڭ، ئەنۋەر ئابلا، ئەن فېڭ، جاڭ شۇشىن، داڭ فېڭ، سېرگىلىڭ، دۇڭ بىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

جاڭ گوچياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت تەپەككۇرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر بايان قىلدى.

    لى گاڭ رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خىزمەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئـۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ چوڭ جېڭىنىڭ بىرى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ»، «تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى»، «بىرىنچى چوڭ ئىش»، «بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»، پارتىيەمىز چىقارغان «تەنتەنىلىك ۋەدە» دەپ قايتا – قايتا تەكىتلىدى. ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۇختا، ئەمەلىي بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى؛ دىققەتنى قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كادىرلارنىڭ ئوي – پىكرى ۋە زېھنىي كۈچىنى، تەرەققىيات بايلىقى ۋە ئامىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشى؛ چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى ۋە مەركەزنىڭ 2018 – يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى باھالىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قەتئىي، ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

    لى گاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش يېڭى دەۋردىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەدبىرى. «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ يادرونى پۇختا ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»، «توققۇز ئېنىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە ئەمەلىي چارە قوللىنىپ، ئادەم ۋە جاينىڭ ئەھۋالى، نامراتلىق سەۋەبى، نامراتلىق تىپى بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ يوللۇق، كۆپ مەنبەلىك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرى ياخشى ھەمتۈرتكە بولغان، ئورتاق كۈچەيدىغان ئەندىزە بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە ۋە ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى گاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش ساھەسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇشقا تېگىشلىك چوڭ ئىش ۋە ئاساسىي كەسىپ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىشەنچنى چىڭىتىش، قاراشنى يېڭىلاش، ھالەتنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كەم – كوتسىز چىڭ تۇتۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى توغرا يول بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 – شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسەتنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەر بىر خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى