بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى 5 – بۆلۈم ـــ قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتى ئوبلاستىمىزدا باشلاندى تارىختىكى قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئىزدەش، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش

«سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى 5 – بۆلۈم ـــ قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتى ئوبلاستىمىزدا باشلاندى

    تارىختىكى قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئىزدەش، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش

مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىش، تارىختىكى قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئىزدەش، يايلاق مەنزىرىسىنى كۆرۈش … 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئۈستىگە ئالغان «سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى 5 – بۆلۈم ـــ قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتى چاقىلىق ناھىيەسىدە رەسمىي باشلاندى، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ سۇپىلارنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ 30 مۇخبىرى ۋە داڭلىق ساياھەت بلوگلىرىنىڭ ئىگىلىرى بۇ جايدا تارىخ بىلەن بوشلۇق قويۇپ دىئالوگلاشقان ھالقىپ ئۆتۈش ساياھىتى قىلىپ، ئېكران ۋە قەلەم ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەتلىرىنى نامايان قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دى دوخۇا پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شۇشىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

مۇراسىمنىڭ مۇقەددىمىسى «چاقىلىق سەنىمى» بىلەن باشلاندى، «گۈلزارلىقتىكى مەشرەپ» ناملىق ئۇسسۇل، «شىنجاڭچە تەم» ناملىق ناخشا سەيياھلار ئۆمىكىدىكىلەرنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئەسلىي مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلاندۇردى.

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئاساسىي تېما قىلىندى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرى مەخسۇس كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىنىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەندى، 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنىگىچە، سەيياھلار «خۇاشيادىكى 1 – ئوبلاست» دەپ نام ئالغان بايىنغولىن ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىرەن قەدىمىي شەھىرى، لوپنۇر كالىيلىق تۇز كېنى، تېتىما كۆلى، داشى كەنتى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى، بايىنبۇلاق يايلىقى، مايتاغ – كۇچا تاشيولى قاتارلىق جايلارنى كۆرۈپ، قەلەم ۋە ئېكران ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، قويۇق تارىخىي مەزمۇنى، شانلىق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە يەتكۈزۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياڭرىتىدۇ.

    دى دوخۇا مۇنداق دېدى: ئەگەر شىنجاڭنى مۇزېيغا ئوخشاتساق، بايىنغولىن ئوبلاستى دەل مۇشۇ مۇزېينىڭ مەركىزىي رايونى، چاقىلىق بولسا مەركىزىي رايوندىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستى پارلاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا يولى، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى گىرەلىشىپ كەتكەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىرلەشكەن جاي، غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك ئىچىدە 11 بەگلىك بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدە، كىروران مەدەنىيىتى، شەرققە قايتىش مەدەنىيىتى، مالەن مەدەنىيىتى مەملىكىتىمىزدە، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا نام ئالغان.

    جاڭ شۇشىن مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاست يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىۋاتقان جاي، تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى پارلاق، مەزمۇنى چوڭقۇر جاي، رايون ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، قاتنىشى تېز ھەم قولايلىق جاي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلار كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان جاي، زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى ئۆزگىچە، مەنزىرىسى گۈزەل جاي، تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم جاي. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوبلاستىمىز زېمىنىدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. «سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى 5 – بۆلۈم ـــ قەدىمىـي يادىكارلىقلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» پائالىيىتىنى بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدا ئۆتكۈزۈشتىن مەقسەت، دەل ئوبلاستىمىزنىڭ ئۇزاق، مول تارىخىي مەدەنىيىتىنى، گۈزەل، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتىنى، خۇش پېئىل، دوستانە ھەر مىللەت خەلقىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى، مەملىكىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى دوستلارغا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە يېڭى دەۋردىكى يېڭى بايىنغولىننىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپىنى تېخىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ھەر ساھە دوستلارنىڭ ھەممىسىنى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك، تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ خۇشال بولغان بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھىتى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

    سەيياھلار ۋەكىلى جاڭ رۇڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەن تەلىيىمگە يارىشا بۇ قېتىمقى سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتى پائالىيىتىگە قاتنىشالىدىم،  مەن ئۆز سۇپام ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنى تونۇتىمەن ۋە چۈشەندۈرىمەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 2018 – يىلى 8 – ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، يېڭى لىنىيەلىرى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كەسىپلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان «سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» تور باش تېما پائالىيىتى تۆت پەسىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن، پائالىيەت ئارقىلىق سۈرەت، يېزىق، ئۈن – سىن ئاساس قىلىنغان 6000 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان ھەمدە سىن، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىرلىشىش قاتارلىق شەكىللەردە كۆپ نۇقتا، كۆپ قاتلام، كۆپ تېمىدىن گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلغان، ئومۇمىي كۆرۈش مىقدارى 5 مىليارد 460 مىليون قېتىمغا يەتكەن.

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى