بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 2019 – يىللىق 1 -قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى2019 – يىللىق 1 -قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

    ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 2019 – يىللىق 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2014 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2019 – يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    تۈگجەجاپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

    تۈگجەجاپ مۇنداق تەكىتلىدى: نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، خەۋپ – خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئىستېمال مىقدارى كۆپ بولغان نۇقتىلىق يېمەكلىك، نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قاتتىق كونترول قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، تەكشۈرۈش، سىناپ كۆرۈش، دېلو بېجىرىش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت تۆت خىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدىن بىر تۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق تۈزەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش تۈزۈمى خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يېمەكلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان، دەرىجە بويىچە باشقۇرىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تاكاممۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى جەمئىيەت ئورتاق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى نازارەت قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئەرز – شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش، ئالدامچىلىق قىلىش ۋە يالغان تەشۋىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇل بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم ئوبلاست قاتلىمىدىكى سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يىللىق (نەتىجە – ئۈنۈم) باھالاش ۋە ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى دەل جايىدا بولماسلىق، تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىق سەۋەبىدىن زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قىلچە يۈز خاتىرە قىلماسلىق كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستاش كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگىلىڭ ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:باينغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى