بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • چەرچەن ناھىيەسىدە چىلان پەرۋىشى ياخشى ئىشلەنمەكتە


    چەرچەن ناھىيەسى 2002 – يىلىدىن باشلاپ، ئۈچ شىمال ئېھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، چىلاننى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە باغ -ئورمانچىلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ 10 نەچچە يىللىق چىلان ئۆستۈرۈش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى (چىلان)نى ئۆلچەملەشتۈرۈش بازىسى» ۋە «جۇڭگو چىلان ماكانى» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.

    ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 186 مىڭ موغا يەتتى. چىلانچى دېھقانلار تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەپ، چىلان دەرىخىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى.     سۈرەتتە: 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرائېرىق كەنتىدىكى 70 ياشلىق دېھقان ئابلا ئىبراھىم تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىلان دەرىخىنى پۇتىماقتا.  

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز فوتوسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى