بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 100” كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش“ قۇرۇلۇشى بويىچە 2019 – يىلىدىن 2020 -يىلىغىچە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

«ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 100” كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش“ قۇرۇلۇشى بويىچە 2019 – يىلىدىن 2020 -يىلىغىچە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

    كېلەر يىلى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن 100ى بەرپا قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز جياڭ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 100” كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش“ قۇرۇلۇشى بويىچە 2019 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ لايىھە دېيىلىدۇ) ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «100 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەممە كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى يېتەكچى قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

    لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوبلاست بويىچە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر «ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، ئالدىن پىلانلاش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش» يېتەكچى فاڭجېنى ۋە «تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، قۇرۇلۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوللىنىىش» تۈپ مىزانىغا ئاساسەن، كەنتلەرنى تازىلاش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى تازىلاش، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، كەنتلەرنى پىلانلاپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، 2019 – يىلى ئوبلاست بويىچە 405 مەمۇرىي كەنتنىڭ «ھەممە كەنتنى تۈزەش» خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا 100 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ، ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىدىكى %90تىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىدە زىيانسىزلاندۇرۇلغان ھاجەتخانا بولۇشقا، %90تىن ئارتۇق پاسكىنا سۇنى ئۈنۈملۈك تۈزەشكە، %90تىن ئارتۇق كەنت گۇرۇپپىلىرىنىڭ كوچا يوللىرىنى ئاھالىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغىچە ئاسفالىتلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، بارلىق ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش، كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۆلچەملىك گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

    لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە (شەھەر) لەر ئاساسلىق تۇتۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، ئاۋۋال ئوڭايلىرىنى، كېيىن قىيىنلىرىنى ئىشلەپ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي  ئىلگىرىلەش، قۇرۇلۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت كەنت ئاھالىسى سۇبيېكتلىرىنى يېتەكلەش، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق «ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپ»تا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ئىشخانىلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىـت، تۇرالغۇ – قۇرۇلۇش، سەھىيە – ساغلاملىق، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق تارماقلار ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى يېزا – بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت «1 – شۇجى»سىنىڭ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئامىلىنى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، مالىيە سېلىنمىسى يېتەكلەيدىغان، دېھقانلار ۋە كوللېكتىپ پائال مەبلەغ سالىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر كۆپ تەرەپتىن قوللايدىغان كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. 

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى