بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا 2019 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ۋە «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى

ئوبلاستىمىزدا 2019 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ۋە «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى

     5ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ۋە «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» بايىنغولىن شۆبە مەيدانى باش تېما پائالىيىتى ئوبلاستلىق مۇزېي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.    

   

    مۇخبىرىمىز ۋۇ پېڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 2019 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ۋە «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»  بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە يىغىن مەيدانى باش تېما پائالىيىتى ئوبلاستلىق مۇزېي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق  پائالىيەتنى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇردى. ئوبلاستلىق، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى ساياھەت كارخانىلىرى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى بىر قىسىم ساياھەتچىلەر پائالىيەتكە قاتناشتى.

شۇ كۈندىكى ئاساسىي تېما پائالىيىتىدە، خىزمەتچىلەر بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەنزىرە رايونى تەشۋىقات قوللانمىسى، ساياھەت تەشۋىقات ماتېرىيالىنى نەق مەيداندا تارقاتتى ھەمدە مەدەنىيەت ساياھىتى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى، نەق مەيداندا ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لەرزان ئۇسسۇل «بەختىيار يۇرت»، يېقىملىق ناخشا «كىروراننى كېسىپ ئۆتۈش» نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئوبلاستىمىزنىڭ قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى. نەق مەيداندا ئېلان قىلىنغان «بايىنغولىنلىقلار بايىنغولىننى ساياھەت قىلىش» مەنزىرە رايونىنىڭ ئېتىبارلىق سىياسىتى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ ھاياجانلانـدۇردى.5  ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى،  43 ـ  قېتىملىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»،5  ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 9 ـ قېتىملىق«جۇڭگو ساياھەت كۈنى» بولۇپ، بۇ يىل، ئوبلاستىمىز «مەدەنىيەت مەركىزى بولغان مۇزېي»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، مۇزېينىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىكى «مەركەز»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوبلاستىمىز مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

    ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇەن شۆپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكىنى يۇغۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش». مەدەنىيەت ــ ساياھەتنىڭ ئەڭ ياخشى بايلىقى، ساياھەت ـــ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەدەنىيەت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يەرلىكتىكى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش، يەرلىكنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىش، يېزا ـ  كەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلىش، شەھەرنىڭ يېڭى قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. بۇ پائالىيەتلەر  مەدەنىيەت بايلىقىنى ساياھەتلەشتۈرۈش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى مەدەنىيلەشتۈرۈشنى تولۇق نامايان قىلدى.

    كورلا شەھەر ئاھالىسى تىيەن جىلياڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن پائالىيەتكە بالىلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق بالىلىرىمنىڭ ئوبلاستىمىزنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شۇ كۈنى، ئىككى ساياھەت ئاپتوبوسى ئوبلاستلىق مۇزېيغا كىرىپ كەلدى. شاڭخەي ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن 100گە يېقىن ساياھەتچى شاڭخەيدىن بايىنغولىنغا ساياھەتكە كەلگەن ئىدى. 71 ياشلىق ساياھەتچى چېڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. كورلا شەھىرى پاكىز، چىرايلىق، زامانىۋى شەھەر ئىكەن. بۈگۈن بىز يەرلىكنىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇق، مۇزېيدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، چوڭقۇر تەسىرات ئالدۇق.  بىز يەنە لوپنۇر داشياگو، لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىمىز.

رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى