بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بايىنغولىنلىقلار بايىنغولىننى ساياھەت قىلسا ئېتىبار سىياسەتلەر كۆپ

     مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 18 – ماي، 2019 -يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»ۋە «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بايىنغولىنلىقلار بايىنغولىننى ساياھەت قىلسا بەھرىمەن بولالايدىغان قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

    باشئەگىم مەنزىرە رايونىغا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق پۈتۈن يىل يېرىم باھادىن بەھرىلىنەلەيدۇ، مېيىپلار ۋە  ھەربىيلەر ھەمدە 70 ياشتىن يۇقىرىلاردىن بېلەت ئېلىنمايدۇ.

    دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان خورا تېغى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى مەنزىرە رايونى، دۆلەتلىك A3 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى شياڭدۇ ھاراقچىلىقىدا بېلەت ئېلىنمايدۇ، سېغىنىش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.

    باغراش ناھىيەسى نوپۇسىدىكىلەر كۈچكە ئىگە بولغان كىنىشكا ئارقىلىق پۈتۈن يىلدا ئۇلارغا ھەپتىنىڭ 1 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام كۈنلىرى %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ھەربىي، ساقچىلار كۈچكە ئىگە بولغان كىنىشكىسى بىلەن كىرسە ھەق ئېلىنمايدۇ. 1 – دەرىجىلىكتىن 6 – دەرىجىلىككىچە مېيىپلىق كىنىشكىسى بارلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، 7 – دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كىنىشكىسى بارلارغا كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.

    بايىنغولىن نوپۇسىدىكى ساياھەتچىلەر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىقتىكى «كوئېنلون قەدىمىي كەنتى»، ئاقتىكەندۆڭ يېزىسى چىنارلىق ئەگمە ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلسا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا ھەر بىر ئادەمدىن 15 يۈەن كىرىش بېلىتى ئېلىنىدۇ، زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا ھەر بىر كىشىدىن 20 يۈەن كىرىش بېلىتى ئېلىنىدۇ، لايلىق قەدىمىي شەھەرچىسى خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا ھەر بىر كىشىدىن 40 يۈەن كىرىش بېلىتى ئېلىنىدۇ.

    باشقا ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بايىنغولىنلىقلارغا قارىتا ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويىدۇ.

ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى