بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا شەخسلەر جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان 100 كىشىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

ئوبلاستىمىزنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا شەخسلەر جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان 100 كىشىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئوبلاستىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

    مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنىگىچە ئوبلاستىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا شەخسلەر جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان 100 كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى شۇنداقلا ئىلغارلارغا ئىلھام بېرىپ، ئارقىدا قالغانلارنى رىغبەتلەندۈردى. ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلاردىن ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىپ، ئۆگىنىش ھەم چۈشىنىش، ئۆگىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «مەنىۋى كالتىسىي» تولۇقلاشنى تەلەپ قىلدى.

    ئوبلاستىمىزدا «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا شەخسلەر جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان 100 كىشىنىڭ قاتارىغا كىرگەن خېجىڭ ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى چېن جيەن مۇنداق دېدى:بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە بىلىمىمنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى، ئارتۇقچىلىق ۋە ئىقتىدارىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنى تولۇقلاشتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بار، مەن «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش پائالىيىتىدە، «ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۆگىنىش»، «تاماقتىن كېيىن كۆرۈش»تەك ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم، ھەر ۋاقىت ئۆگىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشتىم.

    چېن جيەن مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىغا كىرىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن، ئۆگىنىش سۇپىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن ئـۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ،  «مېنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىش» نى «مەن ئۆگىنىمەن»گە ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي ئورۇندا تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ پىكىر يولى بىلەن كۈندىلىك خىزمىتىم ۋە ئۆگىنىشىمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كاللامغا -قەلبىمگە ئۈزلۈكسىز سىڭدۈردۈم.»

    بۈگۈر ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ چۇمپاق بازىرى دىنار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى   پارتىيەلىك كادىر جاڭ بىنمۇ   بۇ قېتىملىق  ئوبلاستىمىزنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا شەخسلەر جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان 100 كىشىنىڭ ئىسىملىكى قاتارىغا كىردى. جاڭ بىن مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى شەخسلەرنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىلىم ئېلىش، ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغىدى. مەن داۋاملىق «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزۈمدىكى «ئىقتىدار ۋەھىمىسى»نى تۈگىتىمەن.

    ھازىر، جاڭ بىن ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنى بىللە ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى ھەمدە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە ئاممىغا «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىك  دەرىجىسى ۋە بەخت   كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ئۆگىنىش چوڭ دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ چوڭ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، يېڭى ۋەزىيەتتە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋە ئىدىيىۋى تەربىيەنى كۈچەيتىشتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك.       «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكى ئارقىلىق ئوبلاستىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، غايە – ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى   تېخىمۇ ياڭرىتىشى كېرەك.

 ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى