بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  •   لى گاڭ ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

لى گاڭ ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك

مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 28 -كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى گاڭ ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى، مىللەت ـ دىن ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     جۈ ۋېي، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ياڭ لىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

     يىغىندا «ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى»، «ئاپتونوم ئوبلاستلىق پـارتكوم بىرلىك سەپ  

خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى»گە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئوبلاستىمىزنىڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى بۇرچنى تونۇپ، يېڭى تەلەپنى ئىگىلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم ـ كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل ـ پاراسەتنى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەم ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىرلىك سەپتىكى بارلىق ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھىمايە قىلىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تېخىمۇ قەتئىي مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، بىرلىك سەپتىكى بارلىق ئەزالارنى «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشقا، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەت مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىش كېرەك. ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سىياسەتنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى قانۇن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش تۆۋەن چېكىنى ساقلاشقا تەربىيەلەش كېرەك؛   يېقىن، پاك، يېڭىچە ھۆكۈمەت – سودىگەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش كېرەك.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ،راۋان، تەرتىپلىك، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنىغا كىرىۋېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇن، تېخىمۇ زور كۈچ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئوبلاستنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى