بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئۈستۈنلۈك توپلاپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

نەيىم ياسىن ئونسۇ ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن 8–ئاينىڭ 12–كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

نەيىم ياسىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار باشقۇرۇش رايونى گۈمبەز چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، ‹‹گومەنتاڭ›› باغۋەنچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چىلان بازىسى، توخۇلا يېزىسى قورۇل كەنتى ‹‹زېسۇڭ›› ئىلمە توقۇلما كىيىم–كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە يېمەكلىك–دورا زەمبۇرۇغ بازىسىغا بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەھۋالى، ئاساسلىق تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئىگىلىدى.

نەيىم ياسىن ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشقا ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىمۇ ياخشىلاندى.

نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ئالدىنقى باسقۇچتا بەنزە ئەزالىرىنىڭ نامرات ناھىيەلەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. بىز ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ‹‹تىزىملىك››ى ۋە ياردەم بېرىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقى باسقۇچتا ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللاش، كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۈستۈنلۈك توپلاپ، دەل جايىدا كۈچەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى