بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لى گاڭ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

لى گاڭ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل بايىنغولىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك

     مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى گاڭ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 1 ـ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى : يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، دەل جايىدا تۈزەپ، بىرىكمە كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىش كېرەك.

تۈگجەجاپ، قۇربانجان قۇتلۇق، ۋاڭ جيۇجۇڭ، ۋاڭ مۇسېن يىغىنغا قاتناشتى.

     يىغىندا بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە 2 – شىنىڭ 2018 – يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە 2019 – يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى»، «بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى»، «كورلا رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى (2020 -2019)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

     لى گاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى باشتىن ـ ئاخىر ئومۇمىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى. ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم ـ كوتسىز چىڭ تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنى «تۆت ئاڭ» نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق بىر يىـل. ھەر قايسى مۇھىت ئاسراش كومىتېتلىرىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قىسمەنلىك بىلەن ئومۇملۇقنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ماھىيەتتىن تۈزەش بىلەن ھادىسىدىن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، زور تەرەققىيات مەسىلىسى، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، ئۈزۈل – كېسىل تۈزىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئورۇنداش كېرەك. سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، زۇمرەتتەك سۇنى قوغداش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشى  سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     لى گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش» ئۆتكىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئىدىيەۋى تەييارلىقنى تولۇق ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈلگىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ،  مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» ۋە «سىياسەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ پولاتتەك قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جاۋابكارلىققا تارتىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ناچارلاشقان، ئېكولوگىيەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك بولمىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلىرىنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .

     ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك   مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

     مەختۇمخان تۇردى، ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

       (مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى