بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت تەلىـپى بويىچە، 2018 – يىلى 1 – ئايدىن بۇيان، ئوبلاستىمىز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم «چاقماق» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم قارا – رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت شايكىسىنى قانۇن بويىچە بىتچىت قىلىپ، بىر تۈركۈم قارا – رەزىل كۈچكە چېتىشلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قارا – رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى كۈچلۈك توسۇپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى. قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، مەخسۇس كۈرەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز بۇ يەردە شۇنى تەنتەنىلىك تەكىتلەيمىزكى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى دېلولىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە «ئۈچنى بولدى قىلماسلىق»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغۇچە بولدى قىلمايمىز، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» پاكىز تازىلانمىغۇچە بولدى قىلمايمىز، ئامما رازى بولمىغۇچە بولدى قىلمايمىز. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماي، بالدۇرراق ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز، ھازىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى:

    1.  ئومۇمەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ چوقۇم بارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. بۇ  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلارغا قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جىنايىتى يېنىكرەك بولغانلارغا قانۇن بويىچە جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    2. قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى جىنايەت ئۇنسۇرلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا نەسىھەت قىلىشى كېرەك. ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ نەسىھەتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسا، ياكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ ئۇلارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئاپىرىپ بەرگەن بولسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، دەپ قارىلىدۇ.

   3. جىنايەت گۇماندارلىرى ياكى جاۋابكارلار جىنايىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ھەمدە جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ ئىقرارنامىسىغا ئىمزا قويغانلىرى قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    4. مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ۋە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر ئەدلىيە ئورگىنى تېخى ئىگىلىمىگەن شۇ كىشىنىڭ قارا – رەزىل كۈچ جىنايىتى قاتارلىق باشقا جىنايەتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرى ئۆزىنى مەلۇم قـىلغانـلار  ھېسابلىنىدۇ.

    5. جىنايەت گۇماندارلىرى جىنايەت گۇمانى تۇغدۇرغان پاكىتنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن ئىقرار قىلىپ، زور خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى دۆلەتنىڭ زور مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بولسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلونى بىكار قىلسا بولىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىدۇ، بىر نەچچە جىنايەتكە چېتىشلىق بىر ياكى بىر نەچچە تۈرنى ئەيىبلىمىسىمۇ بولىدۇ.

   6. قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرى سوتلانغاندىن كېيىن ياكى جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەردىن باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغانلىرى؛ مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ ئارقىلىق باشقا دېلولارنى پاش قىلغان بولسا؛ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇشىغا پائال ياردەملەشكەن بولسا، خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار، دەپ بېكىتىپ، قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بارلىرىغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    7. جىنايەت گۇماندارى ياكى جاۋابكار تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوت قىلىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ  رولىنى ئۆتەپ، تەشكىللەپ يولغا قويغان زور جىنايەت پاكىتى ھارام پۇل، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش، مۇسادىرە قىلىش، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم يىپ ئۇچى ۋە دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ، تەكشۈرۈپ راستلىقى ئېنىقلانغان بولسا، دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەمدە گۇۋاھچىنى قوغداشقا دائىر ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ قوغداش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.

    8. قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىنى تېزدىن مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغانلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ. قارا – رەزىل كۈچ جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنى يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغـان ياكى پۇل يۇيۇش، دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ياسىۋېلىش شۇنىڭدەك جىنايەت تاپاۋىتى، جىنايەت تاپاۋىتى پايدىسىنى يوشۇرغان بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جـاۋابكارلىـقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

كەڭ ئاممىنىڭ قارا  كۈچ – رەزىللىككە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى پائال پاش قىلىپ، قىممىتى بار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، قارا – رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى بايقاش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەدلىيە ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. پاش قىلغۇچىلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    پاش قىلىش تېلېفونى: ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى:          8792314،  8792219- 0996

    ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: 12309،  2116000- 0996؛

    ئوبـلاستلىق جامـائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى:

5896057 – 0996؛

    ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى: 2027212 – 0996؛

    ئوبلاستلىق قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشخانىسى: 1183883

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق

    ج خ ئىدارىسى

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى

    2019  ـ يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

    ئامانگۈل روزى تەرجىمىسى

    (مەنبە:بايىغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى