بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

    مۇخبىرىمىز چېن شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇاڭ جياڭخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، نۆۋەتتىكى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

    ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن قاسىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئالاقىدار نىزام ۋە رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال قوللاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى تۇرغۇزۇپ، پۇختا خىزمەتلەر ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. قائىدە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ئالاھىدە سەۋەبى بولمىسا رۇخسەت سورىماسلىقى، مۇھىم، زور ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، باشقىلارغا، ئۆزىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ سۆھبىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىغا ئەھۋالنى ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك. كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ تاپشۇرۇۋېلىپ، ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىش، ھەقىقىي ئويلىنىش، ھەقىقىي تۈزىتىش ۋە ھەقىقىي مەسئۇل بولـۇشنى ئىشـقا ئاشـۇرۇشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن لى تيەنيۇ، لاڭ چىڭ، شياۋ لىڭ، تۇرسۇنجان ئىمىن، ياڭ لىڭ، باش كاتىپ چېن گاڭ ۋە ھەرقايسى كومىتېت، ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى