بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستىمىزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق -مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستىمىزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق -مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چەي دۇڭبو خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ  16ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، باش كاتىپى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، كورلا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، كورلا شەھىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ نىزام دەپ ئېلىندى) نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ شۇشىن، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇرنا تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

    شىنجاڭ شىخو پىۋىسى(كورلا) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لىتەي يىپەك يولى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، ئوبلاستلىق جىنفۇتې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيانشان سېمونت پاي چەكلىك شىركىتى تاشدەن شۆبە شىركىتى قاتارلىق كارخانىلاردا، ۋاڭ يۇڭمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مۇھىتنى تەكشۈرۈپ، شاۋقۇننى  ئۆلچىدى، ئىشچى -خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماقلارنىڭ باھاسىنى سورىدى. ئىشچى -خىزمەتچىلەر ياتىقىغا كىرىپ ئەسلىھەلەرنى تەكشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، شىنجاڭ نەنتيەن شەھەر قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، مىنتەي ئەمگەك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى، يېچېڭ ئەمگەك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىدە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نىزامنى تەشۋىق قىلىش، چۈشىنىش ئەھۋالىنى سورىدى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش جەدۋىلى، ساغلاملىق ئارخىپى، ئەمگەك توختامى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى.

     4- ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دوكلات بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جيەنيۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى سارۇل ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بەزى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىدى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى. ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ۋاڭ يۇڭمىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشى «قانۇن جەھەتتە كۆزىتىش» بولۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپتۇ، لېكىن يەنە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تېگىشلىك بەزى تەرەپلەرمۇ مەۋجۇت. نىزامنى ئىزچىلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، نىزامنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەمگەك توختامى بەلگىلىمىلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك تولۇقلىما پۇللارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتكە، يەنىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

    شى جيەنيۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشىگە قانۇن بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن نىزامنىڭ يادرولۇق بەلگىلىمىلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىزامنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، نىزامنى يولغا قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خىزمەت تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.   

رىزۋانگۈل ئىبراھىم تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى